تەپەككۈر، تەبەسسۇم، تەۋەككۈل

ھايات مەنالار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بىزدىن بۇ مەنالارنى تېپىپ چىقىش، چۈشنىش ۋە ياشاش  تەلەپ قىلىنىدۇ. ھاياتنىڭ غايىسى بۇ مەنالار ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئىنسان بولۇپمۇ ئىنسان روھى بۇ مەنالار بىلەن خۇشاللىق تاپىدۇ، بۇ مەنالار بىلەن كۈچ- قۇۋۋەتكە تولىدۇ. روھنىڭ ئېنېرگىيەسى خۇشاللىق بولسا، خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى بولسا مەنانىڭ روھ بىلەن ئۇچرىشىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ  «ھاياتنىڭ مەنىسى قالمىدى؟» دەپ قاقشىشى، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقىقەتنى ئىستىخىيىلىك بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىپ بېرىشىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئىنسانلار بۇ مەنالارنى تېپىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى، غايىسىدىن ئۇزاقلاشقانلىقى ياكى غايىسىز يۈرۋاتقانلىقى ئۈچۈن، روھ ئېنېرگىيەسى بولغان خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالماقتا، تۇرمۇش مەنىسىزلەشمەكتە. جەمئىيەت ۋە دۇنيا ھازىرقى تەرەققىيات چۈشەنچىسى بىلەن تەرەققىي قىلىشنى داۋام قىلغان تەقدىردە، مەيلى ئىلىم - پەن نەقەدەر تەرەققىي قىلىپ ھاياتىمىز قولايلاشسۇن، مەيلى ماددىي ھاياتىمىز نەقەدەر تەرەققىي قىلىپ يانچۇقىمىز توملاشسۇن، ھاياتمۇ ئۇ قەدەر مەنىسزلىشىشكە، تۇرمۇش خۇشاللىقتىن ئۇزاقلىششقا داۋام قىلىدۇ. دۇنيا مىقياسىدا روھ كېسەللىكلەرنىڭ بارغانسېرى جىقىيىشى، ئاجرىشىش نىسبەتلىرىنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، جىنايەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغانلار سانىنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىشى قاتارلىقلار بۇ رېئاللىقنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئاتا- بوۋىلىرىمىز جاپالىق ۋە يوقلۇق ئىچىدە مەنىلىك بىر ھايات ياشىدى، بىز بولساق راھەت ۋە توقلۇق ئىچىدە مەنىسىز ھاياتقا قەدەم تاشلىدۇق. چۈنكى مەنالار ھەر خىل پەردىلەر بىلەن كۆرۈنمەس ھالغا كەلدى، مەنالار توپا ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىشقا باشلىدى، مەنالار ھاياتتىن ئۇزاقلاشتى، مەنالار قىممەتسىزلەشتى.

ھاياتنى مەنىگە ئىگە قىلىش ئەڭ ئاۋۋال بۇ مەنالارنى قېدىرىپ چىقىش بىلەن باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قۇرال تەپەككۇردۇر. گەرچە ئىنسانلارنىڭ ئاتالمىش زېرەكلىك كوئېففىتسېنتى (intelligence quotient ) پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئىنسان ھاياتقا يوشۇرۇنغان مەنالارنى تېپىپ چىقىپ خۇشال ياشاشقا يېتىپ ئاشىدىغان تەپەككۇر ئىقتىدارغا ئىگە. ئىنسان تەپەككۇر قىلسا، ئەڭ مۇھىم مەنانىڭ ئۆزىنى تونۇش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. مەن كېم؟ كىملىكىم نېمە؟ كەچمىشىم ۋە كېلەچىكىم قانداق؟ دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەپەككۇر بىلەن ئىنسان ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى ، بۇ ھاياتتىكى رولىنى، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بۇ سەپەردىكى يولىنى بىلىۋېلىشقا باشلايدۇ. ئىنسان قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا يوشۇرۇنغان بۇ مەنالارنى تېپىپ چىققاندا، تەپەككۇر بىلەن قاتمۇ - قات قارا پەردىلەرنى يىرتىپ تاشلاپ بۇ نۇرنى تاپقاندا، قەلبىدىمۇ بىر قۇياش تۇغۇلۇشقا، ھاياتىدا يېڭى ئۇپۇق، تۇرمۇشىدا غايىلەر كۆرۈنۈشكە ، دۇنيا مەنىلىك بولۇشقا باشلايدۇ. ئۆزىنى تونىمىغان، ھاياتنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىگەن ئىنسان، ئالەمنى تونويالمايدۇ ۋە ھاياتتىن مەنا تاپالمايدۇ. شۇڭا بىر دەملىك تەپەككۇر بىر ئۆمۈرگە بەدەل، ئۆزىنى بىلمەي بىر ئۆمۈر ياشاش غىڭىلدىغان غەزەلدۇر. 

ئىنسان ئۆزىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ئادەم ۋە ئالەمنى تونۇش ۋە ئۇلار بىلەن مۇھەببەت رىشتىسى ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. يەنى ئادەم ۋە ئالەم ھاياتىمىزنى مەنىۋىي قىممەتكە، تۇرمۇشىمىزنى خۇشاللىق ۋە بەختكە تولدۇرىدىغان مەنالار بىلەن بىزەلگەن، بۇ مەنالار دەل ئادەم ۋە ئالەم ئارىسىدا توقۇپ چىقىلغان رىشتە بىلەن قەلبىمىزگە يىتىپ كېلىپ ، بۇ مەنالاردىن مەيدانغا كەلگەن ھاياجان قەلبىمىزگە قويۇلىدۇ. بۇ رىشتىلەرنىڭ مىسالى سۈپتىدە ئائىلە، جەمئىيەت، مىللەت، دۆلەت ۋە تەبىئەت بىزنىڭ بۇ رىشتىنى ھاسىل قىلىش قابىلىيتىمىز، جاسارەتىمىز ۋە تىرىشانچلىقىمىزغا ئاساسەن ھاسىل بولىدىغان مەنالارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە خاس مەناغا، ئۆزىگە خاس قىممەتكە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ رىشتە مۇھەببەت رىشتىسى بولۇپ، بۇ  رىشتىنى توقۇپ چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان يىپ تەبەسسۇمدۇر. تەبەسسۇم ھاياتقا كۈلۈپ بېقىش بولۇپ، مەيلى تۇرمۇشنىڭ ئىسسق - سوغۇقىغا، مەيلى ھاياتنىڭ ئاچچىق- تاتلىقىغا كۈلۈمسىرەشدۇر. تەبەسسۇم ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ئادەم ۋە ئالەمنىڭ چوڭقۇر مەنالىرىنى تونۇپ يېتەلگەن ئىنسانلار نامايەن قىلالايدىغان بىر پەزىلەتتۇر. تەبەسسۇم بىلەن تەبىئەتكە سۆيگۈ-  مۇھەببەت باغلىغان شائىرغا تۆت پەسىل پەرقلىق ئىلھام بەخش ئەتكەنگە ئوخشاش، قىشنىڭ سوغۇقى قارغا بولغان زوقتىن، يازنىڭ ئىسسىقى گۈللەرگە بولغان ئىشتىياقتىن مەھرۇم قىلمايدۇ. تەبەسسۇم بىر ئېنېرگىيە پارتلىشى بولۇپ، بىر تەبەسسۇم بىلەن ئىنسان بەدىنىدىكى خۇشاللىق ھورمونى بولغان Serotonin ۋە مۇكاپات ھورمونى بولغان Dopamine  توننىلاپ ئاجرىلىپ چىقىپ، ماددىي غىدىقلىنىشتىن ئاجرىلىپ چىققان سەۋىيەلەردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى مىقدار بىلەن ئىنسانغا كۈچ- قۇدرەت بېغىشلايدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئىنسان بۇ ھەقىقەتنىڭ تەكتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇنىڭ ھېكىمىتىنى بىلگەن ئىنسان تەبەسسۇمنىڭ تەمىگە تويالمايدۇ. ئادەم ۋە ئالەمگە تەبەسسۇم قىل، تەبەسسۇمگە يوشۇرۇنغان سىھرىي كۈچ، غەزەپنى سۆيگۈگە، نەپرەتنى مۇھەببەتكە ئايلاندۇرسۇن، ھايات مەناغا تولسۇن!

ھاياتنى مەناغا ئىگە قىلىشتىكى ئاخىرقى قەدەم تەۋەككۈل بولۇپ، تەۋەككۈل تەپەككۇر بىلەن تېپىپ چىققان مەنالارنى، ھېكمەتلەرنى ھاياتقا تەدبىقلاشتۇر. تەپەككۇر نىيەت بولسا، تەۋەككۈل ھەرىكەتتۇر. ھەرىكەتتە بەرىكەت بولغانغا ئوخشاش، تەۋەككۈلدە نېمەت، ھىدايەت ۋە سائادەت بار. تەۋەككۈل بەزەن رېئاللىققا ئېتىلغان بىر قەدەم بولسا، بەزەن خەتەرگە قارشى قەدەم تاشلاشتا نامايان بولىدىغان جاسارەتتۇر. تەۋەككۈل قىلماي تۇرۇپ، ھىكمەت ھەقىقەتكە، نىيەت ھەرىكەتكە، خىيال رېئالىققا ئايلانمايدۇ. ئاشىقلىقىنى ئىزھار قىلىشقا جاسارەت قىلالمىغان مەشۇقىغا ئېرىشەلمىگەندەك، ۋەتەن يولىدا جېنىنى پىدا قىلىشقا تەۋەككۈل قىلالمىغان ۋەتەنسىز قالغاندەك، تەۋەككۈل بولماي تۇرۇپ، سۆيگۈ ۋىسال، ھايات مەنا تاپالمايدۇ. گەرچە بەزەن  تەۋەككۈلنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بولسىمۇ، ئەمما تەۋەككۈل جەريانىدا ئۆگەنگەن تەجرىبە كېيىنكى غالىبىيەتنىڭ سەكرەش تاختىسى بولىشى مۇمكىن. بەزەن  تەۋەككۈلنىڭ نەتىجىسى ئاچچىق بولسىمۇ، ئەمما قىزىل مۇچمۇ ئاچچىق بولغاندەك ئاچچىقنىڭمۇ بىر تەمى، ئاچچىقنىڭمۇ بىر مەناسى بار. بۇ مەنانى پەقەت تەپەككۇر قىلالىغان ، ئاچچىققا تەبەسسۇم بىلەن تەۋەككۈل قىلالىغان ئىنسانلار تاپالايدۇ.

ھاياتنىڭ مەناسى ، خۇشللىقىنىڭ سىرى ئادەم ۋە ئالەمگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچقۇچى سىزدە. بۇ ئاچقۇچ ئۈچ « ت » دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار تەپەككۇر، تەبەسسۇم، تەۋەككۈلدىن ئىبارەتتۇر. تەپەككۇر بىلەن ھېكمەت ئوتتۇرىغا چىقسۇن، تەبەسسۇم بىلەن ھارارەتكە تولسۇن، تەۋەككۈل بىلەن ھەقىقەت بولسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى