كۆپلۈك ئىچىدە يوقلۇق، يالغۇزلۇق
ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە تاقلىق ئەمەس قوشلۇق بار بولغاچقا ، تۇرمۇشتا قوش يۈرەكلەر بىرلەشكەندە، جۈپتى بىلەن جۈپلەشكەندە ، قولداشلار قول بەرگەندە، يولداشلار يول بەرگەندە ئاندىن ھاياتتىن ئىبارەت بۇ قېيىن سىناقتىن بىمالال ئۆتۈش مۇمكىندۇر. بەدىنىمىزدىكى بىر جۈپ DNA زەنجىرى خۇددى بۇ ھەقىقەتنىڭ بېشارىتى سۈپتىدە ھەر ھۈجەيرىگە يەرلەشكەندەك، ئىنسانلىقنىڭ ئاتىسى، تۈنجى ئىنسان بولغان ئادەممۇ بۇ تەبئىي چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئىنسانلىقنىڭ ئانىسى ھەۋۋا بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئىدى. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ رىشتە ئىنسانلارنى ، ئىنسانلىقنى يالغۇزلۇقتىن ئىبارەت قاراڭغۇ قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئاتا - ئانا سۆيگۈ- مۇھەببەت بىلەن، بالا - چاقا خۇشاللىق - بەرىكەت بىلەن، ئۇرۇق - تۇغقان ياردەم - قۇدرەت بىلەن ئادەمنىڭ يالغۇزلۇق يارىسىغا مەلھەم ، يالغۇزلۇق ھېسسىغا ھەردەم بولىدۇ. ئۈستىلىك ئىنسانلار ئىجتىمائىي ھايۋان بولغاچقا، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇرەككەپلىكى، يالغۇزلۇقنىڭ كۆپ قاتلاملىقى ئىنسانلاردىن ئائىلە رىشتىسىدىن باشقا، دوستلۇق، يولداشلىق ۋە خىزمەتداشلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئىنسانىي رىشتىلەر بىلەن ھايات بوشلۇقىدا تورلار توقۇپ، بۇ تورلارغا ئېسىلىش ئارقىلىق يالغۇزلۇق ھىڭىغا چۈشۈپ قىلشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى : < تەبىئىيتىمىز قوشلۇق ۋە كۆپلۈككە تەشنا، يالغۇزلۇقتىن بىزاردۇر>. كونىلارنىڭ < يالغۇز ياشاش ئىتقا مەخسۇس > دېگەن سۆزى ، ئىتلارنىڭمۇ كۈيلەيدىغانلىقى، بەزەن بىرلىكتە ھەركەت قىلدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقىتىنى تولۇق ئىپادە قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ئومومىلىقتىن قارىغاندا يالغۇز قالغانلارنىڭ ئىتنىڭ كۈننى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش جەھەتتىن ئوبرازلىقتۇر. دوستويىۋىسكى « يىللار بويى بىر بۇلۇڭدا ئىنسانلارنى كۆزەتتىم، ئۇلارغا گەپ قىلمىدىم، چۈنكى ئۇلار بىلەن قىلىشقان ھەر پاراڭ مىنى ئۆزۈمگە ياتلاشتۇراتتى، يالغۇزلاشتۇراتتى » دېيىش بىلەن يالغۇزلۇقنىڭ باشقا بىر شەكلىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. يەنى كۆپلۈك ئىچىدە يالغۇزلۇق. يالغۇزلۇق تاقلىقمۇ ۋەياكى باشقىسىنىڭ يوقلۇقىمۇ؟ ئۇنداقتا ئىنسان نېمە ئۈچۈن كۆپلۈك ئىچىدىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ؟ يالغۇزلۇقنى يالغۇزلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى يوقمۇ؟ تۆۋەندە بىرئاز يالغۇزلۇق بىلەن يالغۇز قالايلى.
ئىنسان
گەرچە يالغۇز تۇغۇلغاندەك قىلىغان بىلەن ئىنسان تەبىئىتىگە يوشۇرۇنغان ، DNA غا كودلانغان بىرلىكتىلىك
تۇيغۇسى ۋە كۆپلۈك رىشتىسى بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ.
يەنى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىق خارەكتىرى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا باشقا
ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشقا ھازىر نېرۋا سىستېمىسى ۋە نىرىپ تورلىرى بىلەن
ئاللاقاچان شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇپلا چىرقىراپ يىغلىشى « ئاپا،
دادا سىلەر نەرىدە؟ » دەپ چاقىرىشىدۇ. چۈنكى بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى
ئاللىقاچان قوش DNA زەنجىرىدىكى ئانىسىدىن كەلگەن سۆيگۈ رىشتىسى ، دادىسىدىن كەلگەن
مۇھەببەت يىپى بىلەن توقۇلغان بولۇپ، ئانىسىنىڭ پۇرىقى، دادىسىنڭ تۇرقى بوۋاق
ئۈچۈن بىر تەسەللىي ۋە خاتىرجەملىك سىگنالىدۇر. بوۋاق تىنچ مۇھىتتا بۇ قوش
سىگنالنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنى بۇ يات
دۇنيادا بىخەتەر ھېس قىلىشقا، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇپ قورقۇشتىن خالىي بولۇشقا
باشلايدۇ. بىر كىشىنىڭ قېشىدا بولىشى، ئۇ كىشى بىلەن ئالاقە قۇرىشى، تۇغۇلغاندا بوۋاققا، تۇرمۇشتا ئىنسانغا پەقەت
بىر پىسخىكىلىق خاتىرجەملىك بولماستىن ئەينى ۋاقىتتا بىئولوگىيىلىك بىر ھادىسەدۇر.
چۈنكى ئىنسان مەيلى يالغۇزلۇققا مۇپتىلا
بولسۇن ۋەياكى بەدەندە يارىلىنىش مەيدانغا كەلسۇن ئوخشاشلا مېڭىدىكى Anteior Singulate Cortex
ۋە İnsula بۆلگىلىرى غىدىقلىنىدىغان
بولۇپ، ئىنساننىڭ روھى ئارام تاپمىسا خۇددى بەدىنى يارالانغاندەك ئازاب چېكىدۇ.
ئاتا - ئانىسىز تۇغۇلغان يېتىم بالىلارنىڭ ، ئاتا - ئانىسى بولغان تەقدىردىمۇ
ئۇرۇشتا ئەتراپىنى قاپلىغان بومبىلارنىڭ پارتىلاش ئاۋازى، ئايروپىلانلارنىڭ دەھشەت
ساداسى، ئىنسانلارنىڭ يىغى - زارىدا ئاتا - ئانىسى ئەۋەتكەن بىخەتەرلىك سىگنالىنى
تۇيالمىغان ئۇ بوۋاقلارنىڭ نە قەدەر ئازاب چېكىدىغانلىقىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
بوۋاق تۇغۇلۇپلا ئۆزىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى، تۇيغۇسىنىڭ يىرىم قالغانلىقىنى
ئۇقۇشنىڭ كىچىك بىر بەدەن ئۈچۈن نە قەدەر چوڭ بىر بېسىم ئىكەنلىكىنى سىز ھېس قىلىپ
بېقىڭ. ئەگەر بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغاندا يۈرىكىڭىز جىغىلدىغان بولسا سىزدە
تۇيغۇلارنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدىنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى
كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېتىم تۇغۇلمىغانلىقىڭىزغا، تۇيغۇڭىزنىڭ يېرىم قالمىغانلىقىغا
بىر ئەمەس مىڭ شۈكرى ئېيىتقىڭىز كېلىدۇ! چۈنكى John Bowlby نىڭ « باغلىلىق تىئورىسى
»گە ئاساسلانغاندا ئىنساننىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق
مەسىلە « مەن بىخەتەرمۇ ؟ » مەسىلىسىدۇر.
بۇ سوئالنىڭ جاۋابلىرى بالىلىقتا قۇرۇلغان
رىشتىلەرگە يېزىلغان بولۇپ، بۇ رىشتە پەقەت سۆيگۈ - مۇھەببەت بېغىدىن ئۆتە بىر بىخەتەرلىك تور
سىستېمىسىدۇر. بۇ رىشتە ساغلام
توقۇلمىغاندا ئىنسان ئۈچۈن ھايات تەھدىت، تۇرمۇش توزاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ
ھاياتى خۇشاللىقتىن ئۇزاق، تۇرمۇشى
يالغۇزلۇققا تولاقتۇر.
ئىنسان
تۇغۇلغان چاغدا ئۇنىڭغا نېمەت سۈپتىدە بىرىلگەن ئائىلە رىشتىسى ھاياتىدا
يالغۇزلۇققا قارشى كۈچلۈك قالقان بولۇپ، بۇ مۇھەببەت رىشتىسى بىلەن ساغلام
توقۇلغان قورغان ئۇرۇش - كۈرەشكە تولغان بۇ دۇنيادا بەزەن ئايرىلىق خەنجىرى يەپ،
بەزەن يالغۇزلۇق ئوتى كۆيدۈرسىمۇ بۇ سىناقلاردىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ،
خاراكتېرىنى قوغداپ، كىملىكىنى كىمسىگە ئوغۇرلاتماي، كىشىلىكىنى كىشىلەرگە خار قىلماي ياشايدۇ.
باشقىلار بىلەن باغ قۇرۇش، ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قىلىش بىر ئىنسان قولغا
كەلتۈرۈشى لازىم بولغان ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ماھارەت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا
كىشىلكىمىز ۋە كىملىكىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان ماھىيتىمىزدۇر. ھەگەل دېگەندەك <
كىشىلىك ئىچىمىزدىكى ئەمەس، تېشىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەر ھېكايىسىدۇر. > شۇڭا ئىنسان زاماننىڭ ئۆتىشى، ھاياتنىڭ ئېقىشى
ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن بۇ ھېكايىنى توختىماي يېزىشى ۋە تۈزىتىشى لازىم.
چۈنكى تۇرمۇشنىڭ بورانلىرى بۇ ھېكايىنىڭ بەزى ۋاراقلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان، زامان
ئوغرىلىرى ھېكايىنىڭ پەش،چېكىتىنى ئوغۇرلاپ قاچقان بولىشى مۇمكىن. مۇناسىۋەتلەرنىڭ
نەرىدە تۇرۇپ دەم ئىلىشىنى، نەرىدە توختاپ تۈگىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولىشىمىز
مۇھتەمەلدۇر. شۇڭا دېڭىزدا بېلىق تۇتىدىغان بېلىقچىلاردەك، ھايات دېڭىزىدا ئوۋغا
چىقىپ قايتقاندا، بېلىق تورى بولغان ئالاقە تورىمىزنىڭ دولقۇنلاردا يىرتىلغان،
شاۋقۇنلاردا شالاڭلاشقان قىسىملىرىنى ياماپ، يامانلاشتۇرۇشىمىز لازىم. چۈنكى ھايات
تەس، يالغۇزلۇق يامان. شۇڭا بىز ئىنسانلىققا يارىشا ئىنسانىي ئالاق -
تورلىرىمىز بىلەن ھايات تۇرىشىمىز، ھاياتتا قىلىشقا ھاياجان تېپىشىمىز لازىم.
ھەقىقىي
يالغۇزلۇق روھنىڭ يالغۇزلۇقى بولۇپ، يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىچىمىزدىكى < ئۆز > نى
تونۇماسلىقى، ئىچىمىزدىكى < ئۆز > بىلەن ئالاقە قۇرماسلىقى ۋە ئىچىمىزدىكى
< ئۆز > نىڭ ئېھتىياجلىرىنى بىلمەسلىكىمىزدۇر. بۇ ئىنساننىڭ باشقىلارغا
يېقىنلىشىپ ، ئۆزىگە ياتلىشىشىدۇر. بۇ روھنى ياتلاپ يالغۇزلۇققا تاشلاپ، ياۋ بىلەن
مۇناسىۋەت قىلىش ،خەق بىلەن دوست، ئىچىمىزدىكى ھەق بىلەن دۇشمەن بولغانغا
ئوخشايدۇ. چۈنكى يالغۇزلۇق قەلىبدە ھاسىل بولغان تۇيغۇ بولسا، بۇ قەلبنىڭ سۇلتانى
روھتۇر. يالغۇزلۇق ئەسىلىدە روھنىڭ قەلب ئىزھارى، سۆيگۈ ئېھتىياجدۇر. يالغۇزلۇق
روھنىڭ < سەن نەرىدە ؟ > نىداسى ، < ئۆزۈڭگە قايىت ! > چاقىرىقىنىڭ
ئاۋازسىز ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. گەرچە بۇ ئاۋاز باشقىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازغا
نىسبەتەن ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، قۇلاقلىق تاقىغان قۇلاقلىرىمىز تەرىپىدىن
تۇيۇلمىسىمۇ ئامما ھەرگىز بېسىقىپ قالمايدۇ. ئەتراپىمىزدىكى كۆپلۈكنىڭ ۋاراڭ -
چۇرۇڭى بۇ ئاۋازنى باستۇرغان بىلەن، يالغۇزلۇقنىڭ جىمجىتلىقى بۇ ئاۋازنى
كۈچەيتىدۇ. كۈندۈزدىكى يورۇقلۇقنىڭ
رەڭگارەڭلىكى بۇ ئاۋازنى كۆرۈنمەس قىلغان بىلەن، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا بۇ ئاۋاز
ئاي نۇرى بىلەن ئېنىق نامايەن بولىدۇ. بۇ
يەردە دەل يالغۇزلۇقىنڭ زىتلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى يالغۇزلۇق ھەم تاق قىلىشتۇر ھەم تاق قالماسلىقتۇر، ھەم
كۆپلۈكتىن مەھرۇم بولۇشتۇر، ھەم كۆپلۈك ئىچىدە يوقلۇقتۇر. يالغۇزلۇق قوش بىسلىق
خەنجەر بولۇپ، روھى يالغۇز قالغان ئىنسانى كۆپلۈك تېخىمۇ قانىتىپ، ئازابلايدۇ. بۇ
ھادىسە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆمۈچۈك تورىدەك ھەر يەرنى قاپلىغان،
سۈنئىي ئەقىلنىڭ، ساختا ئالاقىلارنىڭ دۇنيانى قولغا ئالغان زامانىۋى دۇنيا،
بەدەۋىي ھاياتتا تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. چۈنكى ئىچكى ئالاقە ( روھ بىلەن
بولغان ئالاقە ) نىڭ سۇسلۇقىدىن ، روھنىڭ سۇسىزلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن مەنىۋى
بوشلۇق، مەنا كەمتۈكلىكىدىن يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ئىنسانلار بولۇپمۇ بالىلار، بۇ
يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاشقى ئالاقىگە ( ئادەم بىلەن بولغان ئالاقە ) گە
يۈزلەنمەكتە. يۇقىردا قەيت قىلغاندەك تەبىئىي، رەسمىي ئالاقە قۇرۇشنىڭ تەسلىكىدىن،
ئىنسان نەپسىنىڭ ھورۇنلىقىدىن ئىنسان سۈنئىي ۋە ساختا بولغان ئالاقە شەكلىنى
تاللىماقتا. ئەسىلىدە بۇ ئىنساننىڭ بىلىپ بىلمەي يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن
يالغۇزلۇقنى تاللىشى بولۇپ، ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلۇشىدۇر. چۈنكى سۈنئىي
يىپتە توقۇلغان رىشتە ئۆمۈچۈك تورىدەك زەئىپ بولغاچقا ئاسان ئۈزۈلىدۇ ، كىشى
تېخىمۇ چۇڭقۇر يالغۇزلۇق ھىڭىغا پاتىدۇ.
گەرچە ساختا مۇھەببەت ، سۈنئىي مۇناسىۋەت ئىنساننى ۋاقىتلىق خۇشال قىلىپ
يالغۇز ئەمەستەك ھېس قىلدۇرغان بىلەن ئەمما قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن ھاياتتا تىنەپ
قالغان موزايدەك ھېس قىلىشىغا، بۇ دۇنيادا توڭ تىزەكتەك يالغۇز قىلىشىغا سەۋەب
بولىدۇ. شۇڭا يالغۇزلۇققا چارە بەزەن كۆپلۈك بىلەن قۇتۇلۇش بولسا، بەزەن كۆپلۈكتىن
قۇتۇلۇشتۇر. بۇ زىتلىقتىكى مۇۋازىنتلىقنى، مۇۋازىنتلىقتىكى زىننەتنى ئۇققان ۋە بۇ
زىننەتنى بوينىغا مارجان قىلىپ تاقىغان ئادەم يالغۇز قالمايدۇ، يالغۇزلۇقتىن
قۇتۇلىدۇ.