قېتىق بىلەن ساقلىق بولمايدۇ پىتىق

 خەلق ئارىسىدا « يولنىڭ ئەسكىسى پىتىق، ئەركەكنى بۇزغان قېتىق » دەيدىغان ناتوغرا قاراش بار بولۇپ، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە  قېتىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، بىزگە ماس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئوغۇللارغا ئەركەكلىك ، خانىملارغا خۇشاللىق بېغىشلايدىغان مىللىي تائامدۇر. ئەسلىدە ھازىرقى ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىقتىدارسىزلىق، تۇغماسلىق ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملاردىن ئۇزاق ، زامانىۋى ئەخلەت يېمەكلەرگە ئاشىق يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىمىز سەۋەبچى بولماقتا. بۇقرات دېگەندەك « پۈتۈن كېسەللىكلەر ئۈچەيدىن باشلايدۇ » .  تېخىمۇ توغرىسى كېسەللىكلەر، ناتەبىئىي تائاملار بىلەن  ۋۇجۇدىمىز ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان ئۈچەيلەرنى زەيلىتىپ، ئۈچەي يوللىرىمىزنى لاي - پىتىق قىلىۋاتقان ئېغىزدىن باشلايدۇ. قېتىق بولسا ئۈچەيلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇپ ساغلاملىقىمزنى قوللايدۇ. تۆۋەندە  قېتىق بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىمىز.

قېتىقنىڭ ئىنگلىزچىسى بولغان yogurt بىۋاستە  تۈركچەدىكى يوغۇرۇت (yoğurt ) كەلىمىسىدىن ئېلىنغاندۇر. قېتىق ئەلمىساقتىن بىرى تۈرك خەلىقلىرىنىڭ يېمەك - ئىچىملىكىدە مۇھىم ئورۇن ئالغان بولۇپ، قېتىق بىلەن مۇناسۋەتلىك قول يازمىلار ئاتا - بوۋىلىرمىزدىن مەھمۇد قەشقىرىنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى » ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » ئەسەرلىرىدە يېزىلغان. تارىخي ئارخىپلاردا شۇنداق  خاتىرلەنگەن بولۇپ، سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە ( 1566- 1520 )  فرانسىيە پادىشاھى Francis 1 ئېغىر ئىچى سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ھېچبىر فرانسۇز دوختۇر ساقايتالمىغان بۇ ئىچ سۈركىنى سۇلتان سۇلايمان ئەۋەتكەن ھەكىم قېتىق بىلەن داۋالاپ ساقايتقان. قېتىقتىكى پايدىلىق مىكروب بولغان سۈت كىسلاتاسى تاياقچە باكتېرىيىسىنى (lactobacillus ) تۈنجى بولۇپ بۇلغار دوختۇر 1905- يىلى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايقاشنىڭ  تەسىرى بىلەن 1908 - يىلدىكى مېدىتسىنا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى رۇس بىئولوگ Ilya Ilyich Mechnikov  ،  بۇلغار دېھقانلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرىنىڭ ئۇلار داۋاملىق ئىستېمال قىلىۋاتقان قېتىقتا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئاتا - بوۋلىرمىزنىڭمۇ « ئۈزۈن ئۆمۈر چولپانلىرى » بولىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىمۇ دەل بۇ قېتىقنىڭ خاسىيتىدۇر. ئانادولۇ تۇپراقلىرىدا  ئىچى سۈرۈشنى قېتىق بىلەن داۋالايدىغانلىقىنى كۆرگەن دوختۇر Isaac Carasso     1919  - يىللىرى  قېتىقنى ئىسپانىيەگە ئاپىرىپ ياۋروپادا زاۋۇت قۇرۇش ئارقىلىق قېتىقنىڭ سانائىيلىششىگە ۋە ياۋروپادا كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن تەڭ قېتىقتا بۇزۇلۇشمۇ باشلىغان بولدى.

ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن ئۆيلەردە ئۇيۇتۇلغان قېتىق بىر ئاز ئاچچىق ، سۇيۇق بولۇپ، ئادەتتە بىر ھەپتىدىن كىيىن بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەمما قېتىق سودا - سېتىق بولغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ تەمى، تەركىبى ۋە تەسىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. شىركەتلەر قېتىق ئىشلەپ چىقىرش جەريانىدا خورىغان  قېتىقتىكى ياغ ۋە ئاقسىل مىقدارىنى ئۆلچەمگە لايىق قىلىش ۋە  قېتىقنى قويۇقلىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا سۈت پارشوكى قېتىشقا باشلىدى.  بۇنىڭ بىلەن قېتىق تازا قېتىپ قوشۇق بىلەن ئەمەس ۋىلكا بىلەن يىگىلى بولىدىغان ھالغا كەلدى. سۈت پارشوكلىرىدا ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە يول ئاچىدىغان توكسىنلار بايقالماقتا بولۇپ، شىپا ئۈچۈن يەيدىغان قېتىق زەھەرگە ئايلاندى. قېتىقنى ھەممەيلەننىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشنى جىقايتىش ئۈچۈن قېتىققا ھەرخىل تىتىتقۇلارنى قوشۇپ مېۋە تەملىك قېتىق نامىدا ھەرخىل قېتىق تۈرلىرى مەيدانغا كېلىش بىلەن تەڭ قېتىقنىڭ ئەسلى ئۆزگىرىپ قېتىقنىڭ سۈيى چىقىشقا باشلىدى. مېۋە تەملىك قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقتارى نورمال قېتىقتىن 3-2 ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ قېتىقنى يېگەن بالىلار سېمىزلىككە مۇپتىلا، شېكەرگە خۇمار بولۇپ قالماقتا. نەتىجىدە سەي- كۆكتاتنى ياخشى كۆرمەيدىغان، تاتلىقلارغا دۈم چۈشىدىغان ساقسىز يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولماقتا. بەزى ساختىپەزلەر سۈنئىي سېرىق ماي (margarine )نى سۈتتە ئېرىتكەندىن كېيىن قېتىقنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ قايماقلىق قېتىق دەپ ساتماقتا.  بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن، ئەسلى بۇزۇلغان قېتىقلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ ، ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن تەبىئىي سۈتتىن ئۇيۇتۇلغان تەبىئىي قېتىقنى ئىستىمال قىلىشقا دىققەت قىلشىمىز كېرەك. چۈنكى تەبىئىي قېتىق ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ساق تۇتىدىغان بىر خاسىيەتلىك ئوزۇقتۇر.

ھەر 100 گىرام قېتىقتا ئوتتۇرچە ھېساب بىلەن %9 ئاقسىل، %5 ياغ، %4 سۈت شېكىرى بار بولۇپ، 97 كالورىيە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى سۈتتىن ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۈكسەكتۇر. قېتىق  ئەسلىدە سۈتتىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ئوزۇقنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان تەبىئىي ئۇسۇل بولۇپ، تەبئىي سۈت بىر كۈندە ئىچىپ قالغان بىلەن ئوخشاش سۈتتىن ئەگەر قېتىق ئۇيتۇۋالسىڭىز بىر ھەپتىگىچە خاتىرجەم ئىستېمال قىلالايسىز. ئۇنىڭىدىن باشقا نۇرغۇن ئىنسانلاردا سۈت شېكىرى بىئارامسىزلىقى (laktose intolerance ) كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بەزى رايون ۋە مىللەتلەردە بۇلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %10 قەدەر يېتىپ باردۇ. بۇ ئىنسانلاردا سۈت ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش، قوسىقى ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بىئارامسىزلىقلار مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسان بەدىنىدە سۈت شېكىرىنى پارچىلايدىغان سۈت شېكىرى ئېنزىمى (Lactase ) نىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر. ئەسلىدە تەبىئىي سۈتنىڭ تەركىبىدە بۇ ئېنزىم بار بولۇپ، سۈتنى يۈكسەك گرادۇسلاردا قاينىتىش ۋە قىزىتىش بىلەن بۇ ئېنزىمى ئۆتتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن سۈتنىڭ ھەزىمى تەسلىشىپ يۇقىردا دېگەن بىئارامسىزلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قېتىق بۇ مەسلە ئۈچۈن تەبئىي ھەل قىلىش چارىسىدۇر. قېتىق ئېچىتىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان سۈت كىسلاتا تاياقچى باكتېرىيسى (lactobacillus ) ۋە Bifidobacterium قاتارلىق  پايدىلىق مىكروبلار سۈت شېكىرى ئېنزىمى قايتا سېنتىزلەشكە باشلايدىغان بولغاچقا سۈت شېكىرى بىئارامسىزلىقى سەۋەپلىك سۈت ياقمايدىغان ئىنسانلارمۇ قېتىقنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلالايدۇ.

ئىنسان بەدىنىدە 100 ترلىيوندىن جىق مىكروب بار بولۇپ، بۇ مىكرو سامان يولى ھەزىم قىلىش يولىمىزغا جايلاشقاندۇر. بۇ دوسىت مىكروبلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئۇل تاشلىرى ئىكەنلىكى بۇرۇنقى يازمىلاردا كۆپلەپ تەكىتلەپ ئۆتتۇق. بۇ دوسىت مىكروبلارنىڭ پايدىسى كۈنسىرى كۈن يۈزىگە چىقىشقا ئەگىشىپ ھازىر چوڭ تەرەت  يۆتكەش ئوپېراتسىيىسى ( Fecal Microbiota Transplantation )     دېگەن چىرايلىق ناملار بىلەن دورا شىركەتلىرى ساغلام ئىنسانلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيلەرنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن كېسەللەرگە ساغلام ئىنسانلارنىڭ پوقىنى يېگۈزمەكتە. ( تەپسىلاتى ئۈچۈن < بولدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، ئۇنداقتا ساغلام ئىنسان؟> تېمىدىكى يازمىنى ئوقۇپ چىقىڭ ).  بۇ دوسىت مىكروبلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇمۇلاچلار ھايات قوزغاتقۇچ ( Probiotic ) دېگەن چىرايلىق ئىسىملار بىلەن بازارغا سېلىنماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا قېتىق، ھەقىقىي بىر ھايات قوزغاتقۇچ بولۇپ، بىر تەرەپتىن قاينىتىش بىلەن ئۆلگەن سۈت يېڭىدىن ھاياتلىق قازانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى پايدىلىق مىكروبلار دۈشمەن مىكروبلار بىلەن كۆرەش قىلىپ بۇ كېسەللىكتىن ئىبارەت ھايات - ماماتلىق كۆرۈشىدە ئىنسانلارغا ھاياتلىق بەخش ئەتمەكتە.  دوسىت مىكروبلار ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن B3 ( Niacin )، ۋىتامىنB7 ( Biotin )، ۋىتامىنB12 (Cobalamins ) ۋە ۋىتامىن K ( Phylloquinones ) قاتارلىق ۋىتامىنلارنى سىنتېزلەپ ھايات ئېنىرگېيمىزگە ھارارەت قوشىدۇ. ھەر خىل ئېچىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن قېتىقتىن باشقا، سۈتتىن قىمىز ۋە كېفىر ( Kefir ) ئىشلەپچىقىرىلماقتا بولۇپ بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئىسپىرت بارلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قېتىق ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىسى  سۈتتىن جىق سودا - سېتىقتۇر. شۇڭا ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنسان قېتىقنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئائىلىنىڭ ساغلاملىق پەرىشتىسى بولغان ئانا، پەرزەنتلىرىنىڭ ساقلىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تاماق ئېتىشىنى بىلىشتىن بۇرۇن قېتىق ئۇيۇتۇشنى ئۆگىنىشى لازىم. چۈنكى ساغلاملىق ئانىلارنىڭ قوللىرىدا ساقلاقلىق! شۇنىڭ ئۈچۈن ھەكىم ئىزى ئېيتۇر: « تەبئىي قېتىقنىڭ پايدىسى ئېنىق، قېتىقسىز ساقلىق بولمىسۇن پىتىق!»

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي سۈت

ھازىر سۈتتىن سۇ ياخشى ، قايمىقىدىن قاق

سەھەرنىڭ مۇجىزەسى