Kayıtlar

Temmuz, 2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

قېتىق بىلەن ساقلىق بولمايدۇ پىتىق

  خەلق ئارىسىدا « يولنىڭ ئەسكىسى پىتىق، ئەركەكنى بۇزغان قېتىق » دەيدىغان ناتوغرا قاراش بار بولۇپ، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە  قېتىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، بىزگە ماس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئوغۇللارغا ئەركەكلىك ، خانىملارغا خۇشاللىق بېغىشلايدىغان مىللىي تائامدۇر. ئەسلىدە ھازىرقى ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىقتىدارسىزلىق، تۇغماسلىق ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە بۇ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملاردىن ئۇزاق ، زامانىۋى ئەخلەت يېمەكلەرگە ئاشىق يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىمىز سەۋەبچى بولماقتا. بۇقرات دېگەندەك « پۈتۈن كېسەللىكلەر ئۈچەيدىن باشلايدۇ » .  تېخىمۇ توغرىسى كېسەللىكلەر، ناتەبىئىي تائاملار بىلەن  ۋۇجۇدىمىز ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان ئۈچەيلەرنى زەيلىتىپ، ئۈچەي يوللىرىمىزنى لاي - پىتىق قىلىۋاتقان ئېغىزدىن باشلايدۇ. قېتىق بولسا ئۈچەيلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇپ ساغلاملىقىمزنى قوللايدۇ. تۆۋەندە  قېتىق بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىمىز. قېتىقنىڭ ئىنگلىزچىسى بولغان yogurt بىۋاستە  تۈركچەدىكى يوغۇرۇت ( yo ğ urt   ) كەلىمىسىدىن ئېلىنغاندۇر. ...