يود بار يەردە كېسەك يوق
مۇھتاجلىق ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت جانلىقلار ۋە جانسىزلار دۇنياسىنىڭ ھەربىر بۇرجىكىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگە چۇڭقۇر جايلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت كۈچى بۇ موھتاجلىقتىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئىلىپ ئېيتساق، ئىنساننىڭ بەدەن ساغلاملىقى قۇياشقا، ھاۋاغا، تۇپراققا، سۇغا، ئوتقا، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا مۇھتاج بولغانغا ئوخشاش، روھ ساغلاملىقىنىڭ سۆيگۈگە، غايىگە، ئىرادىگە، ئىشەنچكە، ئەخلاققا ۋە ئادالەتكە ئېھتىياجى بار. بۇ مۇھتاجلىق ئارىمىزدا بىر رىشتە، بىر مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدۇ ۋە پەرىلىق مەۋجۇداتلاردىكى ئېنېرگىيە بۇ رىشتىدە توپلىشىپ ھاياتلىق ئېنېرگىيسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى دۇنيانىڭ كېلەچىكى، ھاياتلىقنىڭ ياشنىشى ، ساغلاملىقنىڭ داۋامى بىر بىرىمىزگە باغلىقتۇر. گەرچە ئىنسان بەزەن مەغرۇرلۇق ۋە كىبىر تۈپەيلى ئۆزىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى، موھتاجلىقىنى يا ھېس قىلالماقلىق ياكى ھېس قىلسىمۇ بەزەن ئۇنتۇپ قىلىقلىق. بەدەنمۇ ساناقسىز ماددا، ھۈجەيرە ئارىسىدىكى خىمىيىلىك زەنجىر ۋە بىئولوگىيىلىك رىشتىدىن مەيدانغا كەلگەن مىكرو ئالەم بوشلۇقىدۇر. بۇ سىستېمىدا ھەر بىر ئېلېمېنتنىڭ ئۆزگە خاس رولى بولۇپ، ساغلاملىقتىن ئىبارەت ھايات ئېنېرگىيسىمۇ بۇ ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا موھتاج، ئۇلارسىز ساغلاملىقتىن گەپ قىلىشقا قالمايدۇ ئېھتىياج ! ساغلاملىقىمىز مۇھتاج بولغان مىكرو مىنېرال ماددىلار ( trace mineral substance) ئىچىدىكى يود (odine İ) دەل ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ سىستېمىنىڭ ھاياتتا قىلىشى ، نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆزى سۆسۈن، خىزمىتى سۆسە بىر مىنېرال ماددىدۇر.
يودنىڭ ئانا مەنبەسى دېڭىز يوسۇنى بولۇپ، ئىنسانلىق ئەل مىساقتىن بىرى گەرچە يودتىن ئىبارەت خىمىيىلىك ئېلېمېنتتىن خەۋىرى بولمىسىمۇ، دېڭىز يوسۇنىنى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلەتكەن ئىدى. زامانىۋى مىدىتسىنانىڭ ئاتىسى بولغان بۇقرات (Hippokrates) مىلادىدىن بۇرۇنقى 460 - يىلدا دېڭىز يوسۇنى بىلەن پوقاقنى ( Goiter ) داۋالىغان. 1811- يىلغا كەلگەندە تۈنجى قېتىم دېڭىز يوسۇنىنىڭ كۈلىدە يود ماددىسىنىڭ بارلىقى بايقالغان. 1813 - يىلى يېڭى بايقالغان بۇ ئېلمېنېت سۆسۈن ( Violet ) رەڭگى تۈپەيلى يود ئسمى قويۇلغان. چۈنكى كونا يۇنانچىدا سۆسۈن رەڭنى ئيوت ( yotİ) دەيتتى. 1829 - يىلى فرانسىيىلىك ھەكىم Lugol ئۆزى ئىسمىدە ئىجاد قىلغان يود ئېرىتمىسى بىلەن تۇبېركۇليوز ( سىل كېسىلى )نى مۇۋاپىققىيەتلىك داۋالاش بىلەن يودنى مەشھۇرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كىيىن رەسمىي دورا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن يود قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ئەمچەك كېسەللىكلىرى، سىفلىس ( Syphilis )، ياغ بېزى كېسەللىكلىرى، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى، گېموروي ۋە راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭىدىن باشقا يود ئېرىتمىسىنىڭ ياخشى دېزىنفىكسىيە قىلغۇچى، كالىي يودىدنىڭ ياخشى يۆتەل دورىسى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئاياندۇر.
يودنىڭ %30 ى قالقانسىمان
بەزگە، قالغان %70 ى ئەمچەك، تۇخۇمدان قاتارلىق ئاجراتما بەزلىرىگە جايلاشقان
بولغاچقا، يود بۇ بەزلەرنىڭ خىزمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. يود چىشى
ھورمون (Estrogen ) ى تەڭشەيدىغان بولغاچقا، مەزكۇر ھورموننىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن
تۇخۇمدان، ئەمچەك ۋە تېرىلەردە مەيدانغا كىلىدىغان خالتىلىق ئىششىق ( Cyst ) ، خالتىلىق بەز ئۆسمىسى ۋە راكىنى يود كىچىكلىتىپ يوقىتىدۇ. يود
بەدەندە توكسىنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ
ئېغىر مېتاللارنى بەدەندىن تازىلاشتا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. يود ئىممونىتېت
سىستېمىمىزنى كۈچەنلەدۇردىغان بولغاچقا، بەدەندىكى مىكروبسىز ياللۇغ (inflammation ) نى تىزگىنلەش بىلەن بىرۋاقىتتا، ۋىرۇس، باكترىيە، زەمبۇرۇغ
قاتارلىق مىكروبلارنىمۇ ئۆلتۈرۇش قابىلىيتىگە ئىگە. شۇ سەۋەبلىك يود
كەمچىللىكىدە ئەقلىي قابىلىيەتتە ئاجىزلاش، تۇغماسلىق، ھەرخىل ئۆسمە، ئادەت
قالايمىقانلىقى، پوقاق، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى ( Autoimmune Disease ) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بەدىنىمىزدە يود كەمچىللىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى
ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ تەبئىيلىكتىن ئۇزاق يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى بولۇپ،
ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۇلارغا ئارىلىشىپ قالغان
برومىد ( Bromide ) ۋە فتورىد ( Fluoride ) قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار يود نىڭ بەدەن تەرىپىدىن
سۈمۈرۈلۈشىنى ۋە يودنىڭ بەدەندىكى
خىزمىتىنى تورمۇزلايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى ئىنسانلاردا ئاسانلا ئاستا
خاراكتېرلىق يود كەمچىلىكى مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي بولمىغان يېمەك -
ئىچمەك ئەندىزىسىنىڭ تەبئىي ئاقىۋەتلىرىدىن بىرى بولغان سېلېن ( Selenium ) ئازلىقىمۇ يود كەمچىللىكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. يود ئەقلىي ۋە روھ ساغلاملىقىمىزغا تەسىر
كۆرسەتكەچكە، مىڭە ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئەڭ تىز تەرەققىي قىلىدىغان ھامىيلىلىكتە
يودقا بولغان ئېھتىياج ئارتىدۇ.
جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق روھ ھالىتىمىزمۇ
بەدىنىمىزدە يود نىڭ خوراپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەندە پوقاق
پەيدا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پۇرچاق، قىچا، كۆممىقوناق قاتارلىق بەزى
يېمەكلىكلەرمۇ يود كەمچىللىكىگە سەۋەپ بولىدۇ . تۇغۇتتىن چەكلەش دورىلىرى ۋە
رادىئاتسىيە نۇرلىرىمۇ يود كەمچىللىكىگە
بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان سەۋەبلەردىن بىرىدۇر. يود تاماكا ۋە ھاراقتىن نەپرەتلىنىدىغان بولغاچقا،
بەڭگە ۋە ھاراقكەشلەردە يود تۆۋەنلىكى كۆپ ئۇچرايدۇ.
بەدىنىمىزنىڭ كۈندىلىك يود
ئېھتىياجى 200- 150 مىللىگرام بولۇپ، ئەسلىدە تەبئىي يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى،
توغرا تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بىر ئىنساندا
ھەم يود كەمچىللىكى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ ھەم قوشۇمچە يود ئېھتىياجى بولمايدۇ. لېكىن بەزەن بىلەرمەن
كېسەللەر ئۆزىدىكى يود سەۋىيىسىنى بىلمەي
تۇرۇپ ئوشۇق يود باشقا يۈك بولمايدىغاندەك ساغلاملىق ئۈچۈن يود تولۇقلاپ ساغلاملىقتىن ۋاز كېچىدۇ. يود كەمچىلىكى
بەدەندە كېسەللىك پەيدا قىلغانغا ئوخشاش بەدەندە يودنىڭ كۆپلىكىمۇ ئىنسان
بەدىنىنىڭ ھورمون تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ ئاسان ھېرىپ - چارچاش، كۆپ تەرلەش، ئاسان
ئاچچىقلاش، كېچە ئۇخلىيالماسلىق، ئورۇقلاش، يۈرەك سەپ كېتىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى،
دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىچى سۈرۈش، ئادەت قالايمىقانلىقى ، سۆڭەك شالاڭلىشىش
قاتارلىق جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق بىئارامسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب
بولدۇ. شۇڭا ئۇلارغا تەكىتلەيدىغىنىمىز: ئىنسان بەدىنى پەقەت سان - سېفىرلاردىن
ئىبارەت ئەمەس بولۇپ، بەدەندە كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىرگە بىرىنى قوشساق ئىككى
چىققان بىلەن، بەزەن بىرگە بىرنى قوشساق
بىر، بەزەن بىرگە بىرنى قوشساق ئون بىر چىقىدۇ. شۇڭا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ چاپاقنى
ئالىمەن دەپ جىتتاق بولۇپ قالماڭ !