ئۆلۈم ئاسان ئەمەس، ئەمما ئاسان ئۆلۈممۇ تەس ئەمەس
دۇنيادىكى ئۆلۈملەرنىڭ كۆپلەپ كېتىشى ئىنسانلارغا ئۆلۈمنىڭ ئاددىيلىشىشىدەك خاتا تۇيغۇ ئىلىپ كەلسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆلۈمنىڭ ئەڭ قىيىن بىر ئىمتىھان، ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ۋە دەھشەتلىك بىر ھادىسە ئىكەنلىكىدەك ئۆلمەس ھەقىقىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك خاتا تۇيغۇغا كەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى زامانىۋى تۇرمۇش سۇنغان كەيىپكە خۇمار، كىشىلەردىن بىزار ھايات شەكلىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىڭىنى پالەچ، تەپەككۇرىنى توكا قىلىپ قويغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە مانتا يەيدىغان شەخسىيەتچى خاراكتېرى تۈپەيلىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە ئۆلۈم ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، ئۇنى ئويلاشمۇ ئىنساننى شۈركەندۈرىدۈ ، قەلبلەرنى تېتىرتىدۇ. ئۆلۈم ناھايىتى تەس ۋە قورقۇنۇچلۇق ھادىسە بولۇپ، ئېغىر كېسەللىك بۆلۈمىنىڭ شۇ سوغۇق ياتاقلىرىدا ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان كېسەللەرنىڭ تەشۋىشكە تولغان چىرايلىرى ، ئۆلۈمنى ھېس قىلغان چاغدىكى كۆزلىرىدىن سىيرىلىپ چۈشىۋاتقان ياشلىرى، ئەزرائىلنى كۆرگەندىكى قورقۇنچ ھال ۋە ھەرىكەتلىرى ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلگەنگە ئوخشاش، ئۆلۈمنىڭ ئاچچىقىنىمۇ سەكراتتىكى كىشى بىلۇر. ئۆلۈمنىڭ ئۆلمەس ھەقىقىتى ئەلمىساقتىن بىرى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قايغۇسى، پەلسەپىنىڭ مۇھىم تېمىسى، مىدىتسىنانىڭ بىلىنمەس سىرى بولۇپ كەلگەن. بىزمۇ ئۆلۈمنىڭ ھىكمىتىنى « ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بىلىۋال » ، « ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىپاققانلار»، « ئەڭ ئېغىر روھ كېسەللىكى - ئۆلۈمدىن قورقماسلىق » ۋە « ئاسان ئۆلۈم ئاسان ئەمەس » قاتارلىق يازمىلاردا ئوخشاشمىغان بۇرجەكتىن تەھلىل قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق.
« ئەڭ ئېغىر روھ كېسەللىكى -
ئۆلۈمدىن قورقماسلىق » دا < ئۆلۈمدىن قورقۇش نەپىسنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ،
بۇ تۇيغۇ بولغان چاغدا ئىنسان ئاندىن
ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، نەپىس- ئارزۇلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. ئۆلۈم
بىلەن قارشىلاشقاندا ئىچكى ھېسياتلىرى دولقۇنلاپ ساغلام تەپەككۈر قىلالايدۇ.
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك قورقۇشى بولغان بىر ئىنسان ماددىي ۋە مەنىۋىي تەييارلىقنى
باشلايدۇ. تەبىئىي يېيىشنى، پاكىز كىيىشنى، ياخشىلىق قىلىشنى، باشقىلارنى سۆيۈشنى،
يالغان گەپ قىلماسلىقنى ، باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماسلىقنى، غەيۋەت
قىلماسلىقنى، پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىرىشىپ، ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تەييارلىق
قىلىشنى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلىدۇ.> دېيىش ئارقىلىق ئۆلۈمنىڭ بىر تەرەپتىن يوق
بولۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يوق بولۇشتىن قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆلۈمدىن
قورقۇشنىڭ قورقۇنچاقلىق ئەمەس، ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ
بەردۇق. « ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بىلىۋال » دېگەن يازمىمىزدا ئوتتۇرچە يېشى 89- 60
ئارىسىدىكى ئۆلۈمنىڭ دوقمۇشىغا بېرىپ قالغانلارنىڭ ھاياتتىن چىقارغان خۇلاسىلىرىنى
بەش سىر سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ھەمبەھىرلەشكەن ئىدۇق. « ئۆلۈمنىڭ تەمىنى
تىتىپاققانلار» دا بولسا ئۆلۈمنىڭ بوسۇغىسىغا بېرىپ ئۆلۈمنىڭ ئىشكىنى قېقىپ
ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ باققان، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يۈرىكى توختاپ بولغاندىن
كېيىن يۈرەك- ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ھاياتقا قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ يەنى
بىر ئۆلۈپ بىر تېرىلغانلارنىڭ ئۇ پەيتتىكى ھېس - تۇيغۇلىرغا قاراپ چىقتۇق ۋە < ھايات بىزگە بىرىلگەن بىر نېمەت ۋە پۇرسەت. ئۆلۈم بىلەن بۇ
پۇرسەت قولىمىزدىن ئىلىنغان چاغدىكى پۇشايمان بولسا ئۆلۈمدىن بەتتەر بىر ئاپەت ۋە قىيامەت. > دەپ ھايات - ماماتنىڭ مۇھىملىقىنى
تەكىتلىدۇق.
«
ئاسان ئۆلۈم ئاسان ئەمەس » تە بولسا < ئۆلۈم ھاياتنىڭ مەنىسى، قەدىر- قىممەتنىڭ
ئۆلچىسىدۇر. ئۆلۈم ھەرگىزمۇ ئۆزىنى
ئۆلتۈرۋالدىغانلار ئويلىغاندەك بىر چىقىش يولى، بەزىلەر ئويلىغاندەك مەڭگۈ يوق
بولۇش ۋەياكى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان « قەھرىمانلار» ئويلىغاندەك ئۆلۈمدىن كېيىن
ئۇلارنى مەخسۇس ساقلاپ تۇرغان ھاشىمكامنىڭ باغچىسى ئەمەس. بۇ ھاياتىمىزنىڭ
تولۇقلاش پۇرسىتى بولمىغان ناھايىتى قىيىن مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىدۇر. ئۆلۈمنى
ھاياتىمىزدىكى ئىمتىھانلارنىڭ ئەڭ تەسى ۋە ئىمتىھانلارنىڭ بوۋىسدۇر دېسەك قىلچە
مۇبالىغلاشتۇرغان بولمايمىز. ئۆلۈمنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمنى تەپەككۈر قىلىپ ، تەييارلىق قىلىش
ئۆلۈمگە تۇتۇلغان ئەڭ توغرا پوزىتسىيە بولىشى مۇمكىن. > دېيىش ئارقىلىق
تەييارلىقسىز ئۆلۈمنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى
تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسان ئۆلۈمنى
قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىر قىسىم يوللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. ئۆلۈمنىڭ قىيىن تەسلىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ
پەقەت ئۆزىگە خاس تۇيغۇسى بولۇپ ، گازالى < ئۆلۈم بەزى قۇللارغا خۇدى بىر
ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچكەندەك قولايدۇر > دېگەندەك، < ئۆلۈم شۇنداق ئاسان بىر
ھادىسە بولىشى مۇمكىنمۇ؟ > دەپ تەپەككۇر قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەگەر سەكراتتىكى ئىنسانلارنىڭ
بەدىنىدىكى ھورمونلاردا يۈز بېرىدىغان فىزلوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنى بىلسەك، ئۆلۈشتىن
ئاۋۋال ئىنسان مېڭىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئېلېكترودولقۇنلارنىڭ مەنىسىگە قۇلاق
سالساق، ئاسان ئۆلۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىز
ئاشىدۇ ، ئاسان ئۆلۈمگە بولغان تەشنالىقىمز تاشىدۇ. بۇ يازمىدا مىڭلىغان
سەكراتتىكى ئىنسانلارنى كۆزەتكەن بىر تەتقىقاتچىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى
ئەتىراپىدا توختۇلۇپ، بىلىم بەرگەن مەلۇماتلار بىلەن ئۆلۈمنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىمىز.
Elisabeth
Ross مىڭلارچە
سەكراتتا ياتقان كېسەللەر بىلەن كۆرۈشتى، كۆزەتتى ۋە تۆۋەندىكى تونۇشلارغا ئىگە بولدى. <
ئىنسانلار ئۆلۈش ئالدىدا بەدىنىدىن بەكرەك روھى ئازابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ
كۆپ يالغۇز قىلىشتىن ، يېقىنلىرى تەرىپىدىن تاشلاپ قويۇلۇشتىن قورقىدۇ. شۇڭا ئۇلار
يېنىدا بىرلىرىنىڭ بولىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ زىھنىدە داۋاملىق بار بولۇشنى
ئۈمىت قىلىدۇ. ئۆلۈمگە تەييارلىقى بار بولغان، ئۆلۈمنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن
كېسەللەر سەكراتتا بىر خىل ھۇزۇر ئىچىدە بولۇپ، خۇددى غوزىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى
كىپىنەكتەك، ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببىتى بىلەن كۆكلەرگە
ئۇچىدىغاندەك ئەركىن ھېس قىلىدۇ. سەكراتتا يالغۇزلۇققا تاشلاپ قويۇلمىغان
كېسەللەرنىڭ ئېڭىدىكى ئۇ ئىنسانلىق رىشتىسى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن كېيىنمۇ يېقىنلىرى
بىلەن باغلاپ تۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى ئۆلۈمنىڭ كەسكىن چېگرىلىرىنى
يۇمشىتىپ، ئۆلۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتىن ئىبارەت قورقۇشىنى ئازايتىدۇ>. دېمەك
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ئۆلۈمنى ئاسانلاشتۇرىدىغان شەربەت بولۇپ، ئۇ پەقەت غايىۋى شۇئار
بولماستىن، ئاسان ئۆلۈم ئۈچۈن بىر چاقرىقتۇر. ھەقىقىي ئۆلۈم ئەسلىدە سۆيگۈنىڭ
تۈگىشى، مۇھەببەتنىڭ ئۆلۈشى بولۇپ، سۆيگۈ - مۇھەببەتتىن مەھرۇم ھايات ئەسلىدە بىر
مامات بولسا، غايىۋى مۇھەببەتنىڭ ئىشقىدا كۆيگەنلەر ئۈچۈن ئۆلۈممۇ بىر ئايرىلىش
بولماستىن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ قايتا ئۇچرىششىدۇر. كۈچلۈك سۆيگۈ - مۇھەببەت
رىشتىسى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن قايتا كۆرۈشۈش ئىشتىياقىنى ئاشۇرۇش
بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىردا قەيت قىلىنغاندەك ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قالغانلار
بىلەن ئالاقىنىڭ داۋامى قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ بىلەن، ئىنسانلارنى
سەكراتتا ئۆلۈمنىڭ قورقىسىدىن قوغدايدۇ. شۇڭا ھاياتىنى مۇھەببەت بىلەن
ئۆتكۈزگەنلەر، تۇرمۇشىنى سۆيگۈ بىلەن توشقۇزغانلارنىڭ ئۆلۈمى ئاسان، جېنىنى بېرىشى
قولاي بولىدۇ.
ئۆلۈمنىڭ
ئەڭ قورقۇنچ تەرىپى مەناسىزلىق تۇيغۇسى بولۇپ، ھاياتتىن مەنا تاپالمىغان ، ئۆلۈمگە
مەنا قاتالمىغانلار، خۇددى خاتا خەتلەر ئۆچۈرۈلۈپ تاشلانغاندەك ئۆلۈمدىن ئىبارەت
بۇ ئۆچۈرگۈچ بىلەن ھايات دەپتىرىدىن مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈلۈپ، يوقلۇق ئوتىدا كۆيۈپ كۈل
بولۇشتىن قورقىدۇ. بۇ ھاياتتىن مەنا ، تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تاپالمىغان بەزىلەر
گەرچە ئۆلۈمنى بىر قۇتۇلۇشتەك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۆلۈمدىكى مەناسىزلىق سەكراتتا
كىشنى قاتتىق ئازابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن
ھاياتنىڭ مەناسى ، تۇرمۇشنىڭ غايىسى ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىش ئەسلىدە ئۆلۈمنى
ئاسانلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ھاياتنىڭ سىرلىرى تېپىلغاندا ئۆلۈمنىڭمۇ
تۈگۈنى يېشىلدىغان بولۇپ، ئۆلۈم ھەقىقىتى ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۆلۈمنىڭ قورقۇنچ
سىماسى غايىپ بولۇپ، ساھىپجامال جامالى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا مەنا ئىنساننى ياپىدۇ دانا، ئۆلۈم دەردىگە
بېرىدۇ داۋا. ئۇنداقتا ھاياتنىڭ مەناسى نېمە؟ تۇرمۇشنىڭ غايىسىچۇ ؟ دېگەن
سوئاللارغا بىرىلگەن جاۋابلار دەل ئۆلۈم قۇلۇپىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچلاردۇر. بۇ
سوئاللارنىڭ قېلىپلاشقان جاۋابلىرى بولسىمۇ ، تەرپىڭىزدىن ياسالمىغان بىر ئاچقۇچ
سىزگە ماس مەنىۋىي ھايات ئېشكىڭىزنى، سىزگە خاس ئۆلۈم قۇلپىڭىزنى ئاچالماسلىقى
مۇمكىن. شۇڭا ئىنسان بۇ ئاچقۇچنىڭ ھەر بىر تىلىنى ئۆزىنىڭ تەپەككۈر بىلەن تاۋلاپ،
ھايات ھېكايىسى، تۇرمۇش تەجرىبىلىرى بىلەن مەخسۇس ياساپ چىقىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا
ئۆزىنىڭ مەنا دەرياسىدا شۇڭغۇپ، باشقىلارنىڭ مەنا دېڭىزدا بوغۇلۇپ قىلىشتىن،
ھاياتىنى باشقىلارغا كىراغا ، تۇرمۇشىنى باشقىلارغا ھۆددىگە بېرىپ، ئۆلۈم
مىنۇتلىرىدا دەرت - نادامەت تارتىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا ھاياتنىڭ مەنىسىنى تاپ،
ئاسان ئۆلۈمگە باھانە! چۈنكى سەن ھاياتتىن مەنا تاپساڭ، ئۆلۈم ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ.
ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆلۈمنى ئۆلتۈرۈش ئوخشاشتۇر.
ئىنساننىڭ
بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەندەك، ئۇ دۇنياغىمۇ يالغۇز كېتىدۇ. يەنى ھاياتتا بىرى
بىرسىگە قونىشاپ بەرگەن بىلەن، ماماتتا ھېچكىم ھېچكىمگە ئۆلۈشەپ بەرمەيدۇ. لېكىن
سەكراتتىكى ئىنساننىڭ يالغۇزلىقى كىشىنى ئازابلاپ، ئۆلۈمنى قىيىنلاشتۇرسا، ئۇرۇق -
تۇققان، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ يېقىنلىقى كىشىگە ھۇزۇر بېرىپ ئۆلۈمنى
ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسان فىزلوگىيسىدىكى ھورمونلارنىڭ ئۆزگىرىشىدە
ساقلاقلىقتۇر. چۈنكى يالغۇزلۇق، بەدەندىكى سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى( Sempathetic nervous
system ) نى غىدىقلاپ بېسىم ھورمونى بولغان كورتىزون (cortisol ) نىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى
سۈرگەچكە، يۈرىكىمىز تىز سوقۇپ سىقىلسا، نەپىس ئېلىشىمىز قىيىنلىشىدۇ دە تەبىئىي
ھالدا ئۆلۈممۇ تەسلىشىدۇ. ئەمما ئەتىراپتىكى ئىنسانلارنىڭ تەسەللىيلىرى، ئۇ ئېسسىق
قوللارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى سۇغۇق بەدەنلەرگە تېگىشى بەدەندىكى پاراسىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى ( Parasympathetic nervous system ) نى غىدىقلاپ مېڭىمىزدىن
ئەندورفىن (Endorphins ) غا
ئوخشاش مەس قىلغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ
بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ ئاغرىقلىرى بېسىقىپ، بەدەن راھاتلايدۇ. قورقۇشلار
غايىپ بولۇپ، ھۇزۇر غالىپ كېلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سەكراتتىكى مېڭە ئېلېكترو
گىرافىكىدىكى (
Electroencephalography ) مېڭە ئېلېكترو
دولقۇنلىرىنىڭ رەتلىك ھەرىكىتىدىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمما ھازىرقى
زامانىۋىلاشقان دۇنيادا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئىنسانلار سەكراتنى ئۆز ئۆيدە
ئۆتكۈزۇپ يېقىنلىرىنىڭ قۇچىقىدا ئۆلمەي، ھەر يىرى ناتونۇش دوختۇرخانىنىڭ سوغۇق
كارۋاتلىرىدا ياپ - يالغۇز ئۆلۈشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ يالغۇزلۇق ئۆلۈمنىڭ
دەھشىتىنى ئارتۇرماقتا. چۈنكى ئۇلارنىڭ دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى، تۆكىدىغان
پىغانلىرى، قالدۇرىدىغان ۋەسىيەتلىرى بار ئىدى. ئۆزى بىلەن تەڭ بۇلارنىڭمۇ ئۆلۈپ
كېتىدىغانلىقىنى بىلىشى بەلكى ئازاب ئۈستىگە ئازاب بولىشى مۇمكىن. شۇڭا سەكراتنى
ئۆيدە ئۆتكۈزۈش ھەم ئۆلگۈچى ئۈچۈن ھەم يېقىنلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت،
قولغا كەلتۈرۈش تەس بولۇپ كېتىۋاتقان بىر ئىمتىيازدۇر. بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ راھەت
بۆشۈك بولغانغا ئوخشاش، سەكراتتىكى قېرى بوۋاق ئۈچۈنمۇ ئەڭ راھەت بۆشۈك قۇچاقتۇر. ھەممەيلەنگە
يېقىنلىرىمىزنىڭ قۇچىقىدا ئۆلۈش نېسىپ بولسۇن!