Kayıtlar

Eylül, 2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

يود بار يەردە كېسەك يوق

  مۇھتاجلىق ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت جانلىقلار ۋە جانسىزلار دۇنياسىنىڭ ھەربىر بۇرجىكىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگە چۇڭقۇر جايلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەت كۈچى بۇ موھتاجلىقتىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئىلىپ ئېيتساق، ئىنساننىڭ بەدەن ساغلاملىقى قۇياشقا، ھاۋاغا، تۇپراققا، سۇغا، ئوتقا، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا مۇھتاج بولغانغا ئوخشاش، روھ ساغلاملىقىنىڭ سۆيگۈگە، غايىگە، ئىرادىگە، ئىشەنچكە، ئەخلاققا ۋە ئادالەتكە ئېھتىياجى بار. بۇ مۇھتاجلىق ئارىمىزدا بىر رىشتە، بىر مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدۇ ۋە پەرىلىق مەۋجۇداتلاردىكى ئېنېرگىيە بۇ رىشتىدە توپلىشىپ  ھاياتلىق ئېنېرگىيسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى دۇنيانىڭ كېلەچىكى، ھاياتلىقنىڭ ياشنىشى ، ساغلاملىقنىڭ داۋامى بىر بىرىمىزگە باغلىقتۇر. گەرچە ئىنسان بەزەن مەغرۇرلۇق ۋە كىبىر تۈپەيلى ئۆزىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى، موھتاجلىقىنى يا ھېس قىلالماقلىق ياكى ھېس قىلسىمۇ بەزەن ئۇنتۇپ قىلىقلىق. بەدەنمۇ ساناقسىز ماددا، ھۈجەيرە ئارىسىدىكى خىمىيىلىك زەنجىر ۋە بىئولوگىيىلىك رىشتىدىن مەيدانغا كەلگەن مىكرو ئالەم بوشلۇقىدۇر. بۇ سىست...