Kayıtlar

ساقلىق ياشتا ئەمەس، باشتا

  ئىنسانلاردا ئومۇمى بولغان خاتا قاراش، ياشنىڭ چوڭىيىشقا ئەگىشىپ ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلدىغانلىقى، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىپ ھايات سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ، تۇرمۇش لەززىتىنىڭ ئازىيدىغانلىقىدۇر. ھازىرقى زامانىۋى ئەمما بەدەۋىي 1 خەلقنىڭ بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىغا قاراپ باھا بەرگەندە بۇ قاراشنىڭ بەرھەق توغرىدەك كۆرۈنىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق قېرىلىقنى بىر كېسەللىك ۋەياكى كېسەللىك باسقۇچى دەپ تونۇپ قىلىشتۇر. ئالدىنقى <  قېرىلىق > تېمىسىدىكى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك < قېرىلىقنى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىجتىمائىي قېرىلىق دەپ ئۈچكە ئايرىش مۇمكىن بولۇپ، قېرىلىق ئىنساننىڭ بۇ ئۇچ خىل فۇنكىسىيسىدىكى ئاستىلاش، تۇرغۇنلىشىش ۋە بۇزۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر > . بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر كېسەللىكلەرنىڭ ئەمەس قېرىلىقنىڭ، تەبىئىي ھايات دەۋرىيلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. قېرىلىقتا ئىنساننىڭ ھەرخىل فىزلوگىيلىك فۇنكسىيىسى ئاستىلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىشى، كېسەللىكلەرنىڭمۇ قېرىلىقنى ئوتالدۇرۋىتىشى  بەرھەق،...

قېرىلىق

  < ھەر جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ !> دېگەن ھىكىمەتكە بىنائەن ئىنساندىن ئىبارەت بۇ بىئولوگىيىلىك - پىسخىلوگىيلىك - ئىجتىمائىي ھايۋانمۇ ئۆلۈم ئاخىرقى نۇقتىسىغا بېرىشتىن ئاۋۋال بۇ قېرىلىق بېكىتىگە بارماي قالمايدۇ. ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر سىناق نۇقتىسىدىن قارىغاندا قېرىلىق ئىنسانغا بېرىلگەن ئېسىل پۇرسەت بولۇپ، بەزى كشىلەر بۇ پۇرسەتكە نائىل بولالماي ، قېرىلىقنى ياشىماي تۈرۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.  قېرىلىق بىر تەرەپتىن قېرىلىقتا مەيدانغا كەلگەن جىسمانىي، روھى، ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر ۋە بىر ئۆمۈرلۈك ھايات تەجرىبىسى بىلەن  ئىنسانغا ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى خۇلاسە قىلىش ، ھاياتقا قويغان غايىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش، ھاياتنىڭ ھىكىمىتىنى تەپەككۈر قىلىش ، ئۆلۈمگە ھازىرلىنىش، كېيىنكى نەسىللەرگە قالدۇرغىدەك مەنىۋى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇندىن قىممەت پۇرسىتىنى سۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن ئاۋۋال ئىنسانغا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئۈچ مەتەمنىڭ ئاخىرقى بىر مەتىمىنى بېرىدۇ. چۈنكى ئىنسانئوغلى دۇنياغا ئادەم يەنى بىر بىئولوگىيىلىك ھايۋان بولۇپ تۇغۇلىدۇ ۋە ھ...

سېمىزلىك ۋە راك

  ئىزچى ھەردائىم تەكىتلىگەندەك سېمىزلىك بىر ياغ راكى بولۇپ، بۇ خىل ئوخشىتىش بىر تەرەپتىن ياغلارنىڭ ۋۇجۇدنىڭ مەلۇم بىر بۆلگىسىگە خۇددى راك ھۇجەيرىسىدەك قالايمىقان، قاملاشمىغان ۋە قانۇنسىز توپلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىسكەتسىز بەدەن شەكلىنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سېمىزلىكنىڭ ۋۇجۇتتىكى پۈتۈن راكلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بالا- قازالارنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئىدى. دېمىسمۇ راك ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بىر تەھدىت بولۇپ، مەيلى ئىنسانىيەتنىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقى بولسۇن، مەيلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ساغلاملىقى بولسۇن ماددىي ۋە مەنىۋىي خەۋىپلەر ئىلىپ كېلىدىغان زامانىۋى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم ساغلاملىق مەسىلىسىدۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۆلۈملەرنىڭ %16 گە راك سەۋەپلىك بولماقتا. 2018- يىلى دۇنيا مىقياسىدا  1 مىليون 760 مىڭ كىشى ئۆپكە راكىدىن، 860 مىڭ كىشى ئۈچەي راكىدىن، 780 مىڭ كىشى ئاشقازان راكىدىن، 780 مىڭ كىشى جىگەر راكىدىن، 620 مىڭ كىشى ئەمچەك راكىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. خەلقئارا راك تەتقىقات ئورگى...

سۈنئىي سۈت

بۇرۇن قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك سۈتلەر ئىنسانلار ئۈچۈن بەخش ئېتىلگەن ئەڭ مۇھىم تائاملاردىن بىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى مول ئاقسىل ، ياغ، مىنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە كۈچ، تېنىگە ساغلاملىق بەرگەچكە ئەلمىساقتىن بىرى ئىنسانلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما ھازىرقى زامانىۋىلىشىۋاتقان ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە، « تەرەققىيات ۋە مودا » نىڭ ئېقىمىنى بەلگىلەۋاتقان كۈچلەر ھەرخىل بانا - سەۋەبلەر، ھېلە - نەيرەڭلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىغا ھۇجۇم قىلۋاتقانغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، نېمە يەپ - ئىچىشىمىزگىمۇ ئۇلار قارار بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇ « تەرەققىيات »دىن سۆيۈملۈك سۈتلەرمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالماقتا ۋە ئاستا - ئاستا مودىسى ئۆتكەن، « قالاق » ئوزۇقلۇق بولۇپ قىلىشقا يۈز تۇتماقتا.  بۇ قانداق بولۇپ بۇنداق بولدى؟ بۇ ئاۋۋال ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن يۈز بېرىدۇ. يەنى باشتا ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى « يىڭى ۋە ئىلمىي » چۈشەنچىلەر بىلەن ھ...

ماگنىي قىلىدۇ كېسەلدىن خالىي

  ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ سىستېما نۇرغۇن چوڭ - كىچىك تەركىبتىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ سىستېمىنىڭ  ھاياتتا قىلىشى ، نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشى دەل بۇ تەركىبلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ۋە مىقدارىغا باغلىقتۇر. يەنى ئىنسان بەدىنى « بىر بىلەن پۈتۈن بىرپۈتۈندۇر » پرىنسىپىغا ئاساسەن ھەركەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىر كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ كەملىكى ۋە يوقلۇقى پۈتۈننى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ.  بۇ ئۇل تاشلاردىن بىرى ماگنىي ( magnesium   ) بولۇپ، گەرچە پۈتۈن بەدىنىمىزدىكى ماگنىي مىقدارى ئىنسان بەدەن ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز بولىسىمۇ، ئۇنىڭ بەدەندىكى كەمچىللىكى نۇرغۇن جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە، يوقلۇقى ئۆلۈمگە ئىلىپ بارىدۇ. بۇ مۇھىم مېنىرال ماددىغا بولغان تونۇشمىزنىڭ ئېشىشى بىزنىڭ بەدەن ساپامىزنى ئاشۇرۇپ، ھايات سەپىرمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بەدىنىمىزدىكى ماگنىينىڭ %60 ى سۆڭەكلەرگە، %39 ى يۇمشاق توقۇلمىلارغا ۋە %1 ى قانغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك قان زەردابىدىكى ماگنىي مىقتارى پۈتۈن بەدەندىكى ماگنىي مىقدارىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا قا...

ھازىر سۈتتىن سۇ ياخشى ، قايمىقىدىن قاق

  مۆجىزىۋى ئوزۇقلۇق بولغان ئانا سۈتىدىن قالسىلا ھايۋان سۈتلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن بەخش ئېتىلگەن ئەڭ مۇھىم تائاملاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھايۋان سۈتلىرى تەركىبىدىكى مول ئاقسىل ، ياغ، مېنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە كۈچ، تېنىگە ساغلاملىق ئاتا قىلىدىغان بولغاچقا،  ئەلمىساقتىن بېرى ئىنسانلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق سۈت ئىستېمالى 100 لىتىردىن كۆپ بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن بەزى ئىنسانلار كەسپىي باقمىچىلىق بىلەن ھاياتىنى قامدىماقتا. مەسىلەن، 2011-يىلى سۈت فېرمىلىرى تەرىپىدىن 800 مىليون تون سۈت ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ سۈتلەرنىڭ 85% ى كالا سۈتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا سۈت بېرىدىغان چارۋىلار ئىچىدە سۇ كالىسى، ئات، ئۆچكە، قوي ۋە تۆگە بار بولۇپ، سۇ كالىسىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان سۈتنىڭ سالمىقى 11% نى ئىگىلەيدۇ . ھەر 100 گىرام كالا سۈتىدە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 3.4% ئاقسىل، 3.6% ياغ، 4.6% سۈت شېكىرى بار بولۇپ، 66 كالورىيە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھايۋان سۈتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق پەقە...