سازلىقنى ساز ۋەتەن قىلغانلار- 1
سازلىق، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ۋە ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ قېيىن جۇغراپىيلىك يەر، ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلىشى ئەڭ مۇشكۈل گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر تەرەپتىن سازلىقتىكى پاتقاق ۋە يۇمشاق زىمىن ئىنسانلارنىڭ ئۆي - ماكان قۇرۇشقا مۇۋاپىق بولمىغىنىدەك ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەرلەردە دېھقانچىلىق، تېرىقچىلىق قىلىپ ھاياتىنى قامداش تەستۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە سازلىقلاردىكى ھەرخىل ئۇششاق ھاشارەتلەر ئىنسانلارنى چىقىپ ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا ۋە بۇ سەۋەبدىن ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەپ بولىدۇ. ئەل مېساقتىن ئىنسانلار سازلىقلاردىن ئۇزاق ياشىغان بولسا، ئەدەبىياتتا سازلىق بىر پاسسىپ ۋە سەلبىي سىموۋول سۈپتىدە قىيىنچىلىقنى ، قاراڭغۇلۇقنى ، جاھالەتنى، يوقسۇللۇقنى ۋە يوقبولۇشنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا بىز < پاشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پاشىنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس سازلىقنى تىندۇرۇش لازىم > دەيمىز. ئەمما « سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختىغاندەك »، سەۋر قىلساڭ سازلىقتا ساز ياڭرىشى مۇمكىن. يەنى ئىنسان تىرىشسا، سەۋر قىلسا سازلىقتىن ساز ماكان قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئەگەر پۈتۈن خەلق سەپەرۋەر بولسا پەقەت بىر ئۆي - ماكان ئەمەس، بىر ۋەتەن قۇرۇپ چىقىشىمۇ پۈتۈنلەي مۇمكىندۇر. فىن خەلقى دەل بۇ سازلىقلار ئۆلكىسىنى « ئاق نىلۇپەرلەر ئۆلكىسى » قىلىپ قۇرۇپ چىققان چىدامچان ، تىرىشچان خەلق بولۇپ، فىنلاندىيە مۇ ئىنسانلارغا ئۈمىت بېرىدىغان، ئۈلگە بولدىغان، تارىخ سەھىپىلىرىدە يارقىن ئورۇن ئالغان دۆلەتتۇر.
ئىزچى،
رۇس يازغۇچى Grigoriy Petrov ( 1866 -1925 ) نىڭ بۇ « ئاق نىلۇپەرلەر
ئۆلكىسى» كىتابىنى ئوقۇغاندا ناھايىتى ھاياجانلانغان بولۇپ، ھاياجاندىن لەرزىگە
كەلگەن قەلبى ، تىترىگەن قەلىمى بىلەن ھىكمەت دەپتىرىگە شۇ قۇرلارنى يازغان ئىدى:
« كىتابتىكى قەھرىمانلار مىنى ھەيران قالدۇردى، كىتابتىكى كىشلەر ھۆرمىتىمنى
ھارارەتلەندۈردى. چۈنكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىرى بىر قەھرىمان، ھەربىرى
تىللارغا داستان ئىدى. كىتابتىكى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قەدىرى مىنىڭ ئىنسانلارغا
بولغان سۆيگۈ - مۇھەببىتىمنى كۈۋەجەتسە ،
ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرى مىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىمنى كۈچەيتتى. دۇنيانى تاق
ۋەتەن، ئىنسانلىقنى بىر مىللەت بىلىدىغان ئىزچى، بىر ئادەم بىر ھاۋۋانىڭ
پەرزەنتلىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېسياتلىرىغا ھېسداش، ھايات
ھىكايىلىرىگە جۆرداش ، كۈلكە - يىغىلىرىغا پايداش بولالىغانلىقىنى ئۇقتى. ئەسلىدە
پۈتۈن ئىنسانلار دۇنيا ھاياتىدىن ئىبارە بۇ يولدا يولداش، ھاياتتا قىلىش جېڭىدە
بىر سەپداش بولۇپ، ئىنسانلىقنىڭ قەدىرى
بىر تۇتاشتۇر. ئاتىمىز ئوخشاش، تۇيغۇ- ھېسياتىمىز ئوخشاش ، تارىخ - ھىكايىمىز ئوخشاش، قەدىر - قىسمىتىمىز ئوخشاش ، غەزەپ - نەپرىتىمىز
ئوخشاش، پەقەت بۇلارنى پەرقلىق زامانلاردا، پەرقلىق زېمىنلاردا، پەرقلىق زاتلار
سۈپتىدە ياشايمىز. تىلىمىز، دىنىمىز، چۈشەنچىمىز، چۈشلىرىمىز پەرقلىق بولىشى
مۇمكىن، ئەمما ھېسلىرىمىز، ھېسياتلىرىمز، ھىكايىلىرىمز ئوخشاشتۇر. يېمەك -
ئىچمىكىمىز، كىيىم - كېچىكىمىز، شاھ -
پىچىكىمىز پەرقلىق بولىشى مۇمكىن ئەمما ئورتاق ئېھتىياجىمىز بولغان مۇھەببەت ۋە
ئادالەت ھەپ ئوخشاشتۇر. »
يازغۇچى
« ئاق نىلۇپەرلەر ئۆلكىسى » كىتابىنى بۇ تارىخ يارغان خەلقىنى مەدىھلەش، بۇ تارىخى
ئۈلگە بىلەن شۇ ۋاقىتتا ياشىغان باشقا خەلقلەرگە مەدەت بېرىش مەقسىتىدە قەلەمگە
ئالغان بولۇپ، ھەقىقەتەن بۇ كىتاب نەشىرلەنگەندىن كېيىن نۇرغۇن خەلقلەرگە مەدەت،
دۆلەتلەرگە ئۈلگە ، ئىنسانلارغا ئۈمىت بولغان ئىدى. ماكسىم گوركى بۇ كىتابقا
بولغان ھەيرانلىقىنى « بۇ كىتابنى بىر راھىب يازدى، ئەمما ھېچبىر راھىب
يازالمايدىغان شەكىلدە يازدى » دېيىش ئارقىلىق ئىپادە قىلغان ئىدى. يازغۇچى ئازاب
چېكىۋاتقان رۇس خەلقى بىلەن تەڭ ئازابلانغان بولۇپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ،
ئۇلارغا بەخت - خۇشاللىق ئىلىپ كېلىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بىر بۇرچى
دەپ بىلگەن. بۇ يولدا جاپا - مۇشەققەتلەر چەككەن ، فىنلاندىيەگە سۈرگۈن بولغان
بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، بۇ جانلىق تارىخنى ئۆز
خەلقىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاش، سازلىقتىن ئۈنگەن نىلۇپەرلەرنىڭ يېقىملىق ھىدىنى
ئۇلارنىڭ ياراتقان مەدىنىيتىدىن بىۋاستە پۇراش، « جاپانىڭ كەينى ھالاۋەت »
دېگەندەك، جاپا چەككەن ئەمما ئەڭ ئاخىردا ھالاۋەتكە ئىرىشكەن خەلقنىڭ ئۆيلىرىدىن،
كوچىلىرىدىن يۈكسەلگەن خۇشاللىق كۈلكە - ساداسىنى تۇيۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان
ئىدى. يازغۇچى ئۈچۈن فىنلاندىيە خەلقلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن بىر غايىۋى دۆلەت بولۇپ،
بۇ ئاجايىپ بىر شىرىن چۈش ئىدى. ئەمما تىرىشچان فىن خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ
غايىۋى دۆلەتنى غايىپتىن غەربتە قۇرۇپ چىقتى. بۇ شىرىن چۈشنى ئويغىنىش بىلەن
كۆكتىن زېمىنغا چۈشۈردى ۋە ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى. ھەقىقەتەن سازلىقنى بىر
نىلۇپەر ئۆلكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. بۇ
يەردىكى ئاق نىلۇپەر پاكىزلىقنىڭ، يورۇقلۇقنىڭ، ساپلىقنىڭ سىمۋولى سۈپتىدە فىن
خەلقىنىڭ ئاقارتىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش بىلەن سازلىقتىن ، قاراڭغۇلۇقتىن ۋە جاھالەتتىن
قۇتۇلۇشنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، فىنلاندىيىنىڭ ھەر تەرىپىدە نىلۇپەر
ئۆسىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
فىن
خەلقى ئۆزلىرىنى « سازلىقلىلار» ( Suomi ) دەيدىغان بولۇپ، بۇ بىر
تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ كەچمىشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن
ياراتقان شانلىق تارىخىنى نامايەندىسى سۈپتىدە
بۇ ئاتالمىدىن ھېچقاندەك راھەتسىزلىك ھېس قىلمايدىكەن. فىنلاندىيە ئالتە
ئەسىر بويۇنچە شىۋىتسىيە خانلىقىنىڭ بىر پارچىسى سۈپتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ
قالغان بولۇپ، 1809- يىلدىكى رۇس - شىۋىتسىيە ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ قالغان شىۋىتسىيە،
فىنلاندىيەنى رۇس ئىمپراتورلىقىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. بىرىنچى نەسىل ئويغىنىش
ھەرىكىتىنىڭ تەمسىلچىسى بولغان Adolf Arwidson نىڭ « بىز شىۋىتسىيەلىك ئەمەس، رۇس بولۇشنىمۇ
خالىمايمىز، ئۇنداقتا كېلىڭلار بىرلىكتە فىنلاندىيەلىك بولايلى » دېگەن چاقىرىقىغا
ئاۋاز قوشقان ھەر قاتلامدىكى خەلقلەر، ھەر ساھەدىكى قەھرىمانلار ھەپ بىرلىكتە
تىرىشىش ئارقىلىق تىنچلىق يولى بىلەن تىنچ بىر ئۆلكە قۇرۇپ چىقىدۇ. خۇددى فىن
خەلقى ئۆزلىرى دېگەندەك: « بىزنىڭ پىيىمىزغا بىر سازلىق ۋە تاشلار چۈشتى، بىز
بۇلارنى بىر مەدەنىي ئۆلكىگە ئايلاندۇردۇق ».
ئۇلار ھېلىھەممۇ تارىخ يېزىشنى، مائارىپتا مۆجىزە يارىتىشنى داۋام
قىلماقتا. بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن فىنلاندىيەگە بولغان تەلپۈنىشىم ئاشتى، بۇ
دۆلەتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە بولغان ئىشتىياقىم تولۇپ تاشتى. يېقىندا
فىنلاندىيەگە بولغان قىسقا ساياھىتىم، ئۇ يەردىكى بىر مۇئەللىم بىلەن فىنلاندىيە
مائارىپى ئۈستىدە ئىلىپ بارغان سۆھبەتلىرىم كىتابتىكىلەرنىڭ ھەقىقىلىكىگە بولغان
ئىشەنچىمنى ئاشۇردى. بۇ قۇرلارنى
يېزىۋاتقان مەزگىلدە فىن خەلقى ئۆزىنىڭ ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشى، دۆلىتىگە
بولغان خوجايىنلىق تۇيغۇسى بىلەن بىر خەلقئارالىق شىركەتنىڭ فىنلاندىيىدە قۇرماقچى
بولغان ئۇچۇر مەركىزىنى ئۈچۈن يۈز مىڭلىغان دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىغانلىقى، ئانا
ۋەتىنىنىڭ ئېكولوگىيسىنى بۇزغانلىقىغا قارشى كەڭ - كۆلەمدە نامايىش ئىلىپ بېرىپ،
ئۇلارنى پائالىيىتىنى توختۇتۇشقا ، قىلمىشىدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلىدى. بۇ
خەلقئارالىق شىركەتنىڭ سالغان مىليارد دوللىرىلىق مەبلىغى فىن خەلقىنىڭ غەزىپىنى
بېسىشقا يەتمىدى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئالدىمىزدىكى سايلامدا بۇ
ئىش تۈپەيلى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇشى دەل - تالاش تېمىسى بولماقتا. بۇ يىڭى
ھادىسە فىن خەلقىگە بولغان ھۆرمىتىمنى تىخىمۇ ئاشۇردى. بۇ ساياھەت مەزگىلىدە بىزگە يېتەكچىلىك قىلىغان
ئۇ مۇئەللىم « بىزنىڭ سىلەرگە كۆرسەتكۈدەك
ھەشەمەتلىك خان سارايلىرىمىز يوق » دەپ بىزگە ئاددىي ۋە ئاممىباپ ھۆكۈمەت بىناسىنى
ئەمما ھەشەمەتلىك ۋە كۆركەم كۈتۈپخانىسىنى زىيارەت قىلدۇردى. بۇ كۈتۈپخانا ئاجايىپ
لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت بىناكارلىقىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچكى تۈزىلىشى،
فىنلاندىيە مائارىپىنىڭ سېھرى كۈچى ۋە پىكىر قۇرۇلمىسىنى ئەكىس ئۇتتۇرىدىغان
لايىھىسى، بالىلارنى ئۆزىگە تارتىدىغان بېزىلىشى كىشىنى جەلىپ قىلماي قالمايتتى.
بىز ھەپتە ئاخىرى دەم ئىلىش ئۈچۈن دالىلارغا قاچساق، فىن خەلقى ھەپتە ئاخىرى بۇ
كىتابخانىغا كېلەتتى. مۇئەللىمنىڭ « باشقىلارنىڭ بالىلىرى كىتاپ ئۇقۇشتىن ھېرىپ
ئويۇن ئوينىسا، بىزنىڭ بالىلار ئويۇندىن
ھېرىپ كىتاپ ئوقۇيدۇ » دېگىنىدەك بۇ كۈتۈپخانا ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئويۇن
مەيدانى، دەم ئىلىش سالونى ۋە غىزالىنىش ماكانى ئىدى. بىر تەرەپتىن بۇ گۈللەنگەن
كونا سازلىققا قاراپ، يەنى بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر پاتقاقلىقىغا
تارتىۋاتقان، ئىچىدە ئىنسانلار ئېچىنىشلىق ئىڭراۋاتقان ھازىرقى دۇنيا سازلىقىغا
قاراپ، تەپەككۈر كەپتەرلىرىم كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. مەنمۇ بۇ
كەپتەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم.