ئۆلۈپ كېتىدىغان جانغا، ئۇرۇنۇپ كەتمە جاھانغا

 ئۆمۈرنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىزگە 80 يىل ئۆمۈر پىچىلغان بولسا،  دەسلەپكى غايىسىز، غەمسىز 20 يىلى بىلەن قېرىلىقتىكى ساقسىز، ھەۋەسسىز 20 يىلى چىقىرىۋەتكەندە قولىڭىزدا پەقەتلا ئەڭ قىممەتلىك 40 يىلىڭىز قالىدۇ. زامانىۋى ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك ئەندىزىسى، سۈنئىي تۇرمۇش ئادىتى ، ناتوغرا ھايات پەلسەپىسى، ناپاك مۇناسىۋەت پىچىمى تۈپەيلى بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرنىڭ تېخىمۇ بالدۇر ياشلاردا ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن قولىمىزدىكى بەركەتلىك يىللارنىڭ، ھەرىكەتلىك ۋاقىتلارنىڭ مىقتارى ئازلاپ، ھەسرەتلىك كۈنلەرنىڭ سانى جىقلاپ كېتىۋاتىدۇ.  توغرا، ئىلغار پەن - تېخنىكا پۇرسىتى ۋە تەبىئىي ئوزۇقلارغا نائىل بولغان ئاز ساندىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇراۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، غايىسىز ھايات، غەمسىز تۇرمۇش ئۇلارغىمۇ خۇشاللىق ئىلىپ كىلەلمەكلىك. يەنى شۇئان ئىمكانلار جىقايماقتا، ئىنسانلار سىقىلماقتا. شەھەرلەر چوڭايماقتا، ئۆيلەر كىچىكلىمەكتە. قەسىرلەر كېڭەيمەكتە، قەلىبلەر تارايماقتا. كىشىلەر جىقايماقتا، يالغۇزلۇق ئارتىماقتا. خۇددى < كۆپلۈك ئىچىدە يوقلۇق، يالغۇزلۇق.> تا دەپ ئۆتۈلگەندەك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆمۈچۈك تورىدەك ھەر يەرنى قاپلىغان، سۈنئىي ئەقىلنىڭ، ساختا ئالاقىلارنىڭ دۇنيانى قولغا ئالغان زامانىۋى دۇنيا، بەدەۋىي ھاياتتا ئىچكى ئالاقە ( روھ بىلەن بولغان ئالاقە ) نىڭ سۇسلۇقىدىن ، روھنىڭ سۇسىزلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن مەنىۋى بوشلۇق ۋە مەنا كەمتۈكلىكىدىن يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ئىنسانلار بولۇپمۇ بالىلار، بۇ يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاشقى ئالاقىگە ( ئادەم بىلەن بولغان ئالاقە ) گە يۈزلەنمەكتە. تەبىئىي، رەسمىي ئالاقە قۇرۇشنىڭ تەسلىكىدىن، نەپسىنىڭ ھورۇنلىقىدىن ئىنسان سۈنئىي ۋە ساختا ئالاقە شەكىللىرىنى تاللىماقتا. ئەسىلىدە بۇ ئىنساننىڭ بىلىپ بىلمەي يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى تاللىشى بولۇپ، ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلىشىدۇر. روھ پەقەت سەبىر بىلەن ئۇزۇن زامانلار ئىچىدە بىر سەمىمىي رىشتە قۇرۇپ چىقالايدۇ. نەپىسنىڭ سۈنئىي يىپتە تىز توقۇغان رىشتىسى ئۆمۈچۈك تورىدەك زەئىپ بولغاچقا ئاسان ئۈزۈلىدۇ ، كىشى تېخىمۇ چۇڭقۇر يالغۇزلۇق ھىڭىغا پېتىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ قىسقىغىنا ئۆمرىمىزنى مەنىلىك، مەنپەئەتلىك ۋە بەركەتلىك ئۆتىكىزەلمەيمىز؟

ئەسلىدە بىر تەرەپتىن ئائىلە قۇرۇلمىمىزنى مۇستەھكەملەپ، پەرزەتلىرىمىزنى ئوبدان تەربىيلەپ ئۇلارنى غايىلىك، ئەخلاقلىق ۋە ساغلام چوڭ قىلساق، يەنى بىر تەرەپتىن تەبىئىي تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ساغلام ھاياتقا قەدەم تاشلىساق، بالىلىقتىكى ۋە قېرىلىقتىكى 20 يىلىنى ئۇتالايمىز ۋە ئۆمۈرمىزگە بەرىكەت، ھاياتىمىزغا سۈپەت قېتىپ، غايىلەرگە پۇرسەت تاپالايمىز.  ئەمما بۇلار بۇ يازمىنىڭ تېمىسى ئەمەس.  تېمىغا قايتىپ كەلسەك،  ئۆمۈرنىڭ بەركىتىنى ئۇچۇرۇپ، ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى تۈگۈتۈپ، جېنىمىزنى ھەسرەت - نادامەت بىلەن تەسلىم قىلىشقا زورلاۋاتقان سەۋەبلەردىن بىرسى زامانىۋى ئەمما بەدەۋىي دۇنيانىڭ بىزگە تاڭغان ئىككى " ز " سىدۇر. بۇنىڭغا " زامانىۋىلىقنىڭ زەربىسى" دەيمىز.  ماددىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان، مەنىۋى تەرەپتىن خاراب بولىۋاتقان بۇ زامانىۋى ھايات بىزگە كۈندىلىك تۇرمۇش زىياپىتىدىن كېيىن " زوقلۇق " ۋە " زامانسىزلىق" تىن ئىبارەت ئىككى زەللىنى تاڭماقتا.  قارىماققا، خورجۇنغا كىرگەن زەللە بىزگە ۋاقىتلىق پايدا ۋە خۇشاللىق ئىلىپ كەلگەن بىلەن ، ئەسلىدە بۇ زەللە بىزگە ئېغىر يۈك بولۇپ، بىزگە تېنىمسىز زەربە بەرمەكتە، ئىنسان ۋە ئىنسانلىق چوڭ زىيان تارتماقتا.  سىرتتىن كەلگەن بۇ زەللە - غەنىمەت، ئىچىمىزدىكى مەنىۋىياتنى زەدىلەپ، نەپسىمىزنى زەيلىتىپ، ئۆمۈردىكى بەركەتنى ئوغۇرلاپ قاچماقتا. تۆۋەندە بۇ ئىككى زەللىنىڭ بىزنى قانداق زىللەتكە غەرق قىلغانلىقىغا نەزەر تاشلايلى.

" زوقلۇق" (لەززەتپەرەسلىك-Hedonism )، پەقەت ھاياتتىن زوق ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھايات پەلسەپىسى بولۇپ، ئىنسانلارنى تۇرمۇشتىن توختىماي زوق ئىلىشقا ئۈندەيدۇ، كىشلەر بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ. ئىنساندا ئارزۇ - ھەۋەسنىڭ بولىشى بەرھەقتۇر. ئۇنىڭ بولىشىمۇ، مەۋجۇتلۇقنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر.  بۇ ئارزۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىمىز بولۇپ، بەدەننىڭ ھەرىكەت ئۈچۈن ئوزۇققا، ھايات ئۈچۈن ئالتۇن قوزۇققا ( ئۆي - ماكان ) ئېھتىياجى بولسا، روھنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببەتكە، ھۇزۇر - ھالاۋەتكە ئىشتىياقى بار. ئەمما بۇلارنىڭ بىر چەك - چېگرىسى، ئەڭ مۇھىمى ھاياتنىڭ بىر غايىسى ۋە نىزامى بار. ھاياتنىڭ مەنىسى دەل بۇ غايە ۋە ئارماندا ساقلاقلىق بولۇپ، بىزدىكى بۇ ئېھتىياج، ئارزۇ ، بۇ ئارمانغا خىزمەت قىلغاندىلا ئاندىن ھايات مەنىلىك بولىدۇ ، تۇرمۇش خۇشاللىققا تولىدۇ. شۇنداق ئېيتالايمىزكى ئارزۇ ۋە ئارمان ئىنساننى ھايۋاندىن پەرىقلەندۈردىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. ئەگەر ئىنساننىڭ ئارمانى، غايىسى بولماي ، پەقەت ئارزۇ - نەپىسى ئۈچۈن ياشىسا ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ. مەسلەن ئادەملەر ھاياتتا قانۇنلۇق شەكىلدە بىر قارشى جىنىس بىلەن جۇپلاشسا ئىنسان بولىدۇ. ئەمما ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئارزۇلارنىڭ چەك- چېگرىسىنى قانۇنسىز بۆسۈپ ئۆتۈپ كۆرگەنلا كىشى بىلەن جۇپلاشسا مايمۇندىن پەرقسىز ھايۋان بولىدۇ. بۇ ھاياتتىن زوق ئىلىش ئەمەس، ھاياتنى زىندان قىلىشتۇر. دېمەك ئارزۇنىڭ چەك - چېگرىسى بار بولۇپ، بۇ ئارزۇ ئارمانلارغا دەرماندۇر. ئەگەر ئارزۇ بۇ چەك - چېگرادىن چەتنەپ كەتسە " زوقلۇق" قا تەسلىم بولۇپ، يوقلۇققا مەھكۈم بولىدۇ. زامانىۋى پەن - تېخنىكا، مودا تۇرمۇش قېلىپى ۋە لىبېرالىزىم قاتارلىق ھايات پەلسەپىسى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى چەكسىزلەشتۈرۈپ، ئارزۇنى قورشاپ تۇرغان تەبىئىيتىمىزگە ماس قانۇن - قورغانلارنى بۇزۇپ، چېگرىلارنى چىرىتىپ تاشلىغاچقا، ھاياتتىن زوق ئىلىش غايە بولىدى، غايىلەر غايىپ بولىدى. ئەمەلىي تۇرمۇشتىن مىسال ئالساق، بىزدە < يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن! > ئارزۇلارغا سىزىلغان چېگرا، ئىقتىسادچانلىق ھاياتنىڭ دەستۇرى بولغان بولسا،  كاپىتالىزم " زوقلۇق" سىلىغۇچى بىلەن بۇ چېگرانى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئىسراپنى ھاياتنىڭ مودىسى قىلىپ ئىنسانلارغا بىرلا ۋاقىتتا ھەم سۈنئىي ئېھتىياجلار، ھەم ئۆسۈم بىلەن قەرز بېرىش ئارقىلىق سەددىچىن سىپىلىدەك ئۇزۇن " يوتقان " سۇنماقتا. كۆرۈنۈشتە، ئىنسان سېتىۋالغان ماددىي ئەشيالارنىڭ ساھىبىدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ ئېغىر قەرزنىڭ ئاستىدا قىينىلىپ ماددىي ئەشيالارنىڭ قۇلى بولماقتا. يەنى زامانىۋىلىق ۋە لىبېرالىزىم ئىنسانلارغا ھۆرلۈكتىن جار سالغان بىلەن ھەقىقەتتە ئۇلارنى قۇللۇققا زورلىماقتا. دەل بۇ سەۋەپتىن، ھۆرلىكتىن مەھرۇم بولغان كونتاكىنتىلارنىڭ ۋەياكى دېدەك ئىزورالارنىڭ ھاياتتىن خۇشاللىق تېپىشى تەستۇر، بۇنى ھاياتتىن زوق ئىلىش دەيدىغانلارنىڭ كاللىسى " زوقلۇق" تىن مەستۇر.

زامانىۋىلىقنىڭ 2. زەربىسى، بىزگە تاڭغان بىر باشقا زەللىسى بولسا " زامانسىزلىق" تۇر. زامانىۋى ھايات ئىلغار پەن - تېخنىكا بىلەن ئۇچۇر - ئالاقىلارنى، خىزمەت ئېقىشىنى ، تۇرمۇش رىتىمىنى ئۇ قەدەر تىزلاشتۇردىكى، ئىنسان بۇ ھاياتتا خۇددى يۈرەك رىتىمسىزلىقى بار كېسەللەردەك يۈرىكى سىقىلماقتا، نەپەس ئىلىشى تەسلەشمەكتە. زامان سۇدەك ئاقماقتا بولۇپ، بىر يىل بىر ئايدەك، بىر ئاي بىر كۈندەك ئۆتۈپ كەتمەكتە. زاماننىڭ بەرىكىتى قالمىغاندەك، ئۆزىمىزگە زامان ئاشماقلىق. بۇ سۈرئەت سەۋەپلىك بەدەن زامانغا، روھ بەدەنگە يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ ئاددىي ئىزاھى بولسا: قۇللارنىڭ ئىشى تۈگمەس، ئۆزىگە زامانى يەتمەس. ئىككى بايغا بىر مالاي مىسالى، زامانىۋى قۇللارنىڭ ئارزۇلىرى چەكسىز، زامانلىرى چەكلىكتۇر. گەرچە 80 يىللىق ئۆمۈر بىرىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۆمۈرنىڭ چېكى توشوپ، ھاياتنىڭ چېكىتىنى قويىدىغان ۋاقىت كەلگەندە ئىنسان ئاندىن بۇ ئۆمۈرنىڭ تۇترۇقسىز ئارزۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ مەنىسىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ھۆر ھاياتىنى قۇللۇق، زامانسىزلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇرۇن ئىنسانلار باي - پومېچىكلارنىڭ قۇلى بولغان بولسا، بۈگۈن ئارزۇ - نەپىسىنىڭ قۇلىدۇر. بۇرۇنقى قۇللۇق بوينىدىكى زەنجىر - كىشەنلەر بىلەن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىلەن ھازىرقى قۇللارنىڭ بوينىدىكى گالىستۇك ئۇلارنىڭ قۇللىقىنى پەردازلاپ يوشۇرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ قۇللىقىنى ھېس قىلغاندا ئاللىقاچان يوقلۇقنىڭ بوسۇغىسىغا كەپ قالغان بولىدۇ. " زامانسىزلىق" ئەينى ۋاقىتتا ئىچىدىكى مۇقىمسىزلىق ۋە مەۋھۇملۇق بىلەن ئىنسانلارغا توختىماي بېسىم ئىلىپ كەلمەكتە.  ماشىنىنىڭ سۈرئىتى تىزلەشكەنسىرى مۇقىملىقى تۆۋەنلەپ، ئىنسانلارنى تەۋرىتىپ سىلكىگەندەك، بۇ تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە، تىز سۈرەتلىك زامان ماشىنىسىغا مىنىۋالغان ئىنسانلار توختىماي سىلكىنىپ بېشى قىيىپ قۇسماقتا. بۇ " قۇسۇق" ھەم ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى بئارامسىز قىلماقتا. ئۈنۈڭ ئۈستىگە تىز سۈرەتتە ماڭغان ماشىنىنىڭ تىك موللاق ئېتىشى مۇمكىن ، بىخەتەرلىكى مەۋھۇم بولغاچقا، بۇلار ئىلىپ كەلگەن بېسىم ئىنسانلارنى بەدەن، روھ ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلماقتا. " زامانسىزلىق" ، بۇ تىز سۈرئەت ئىنسانلارنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىنى تىز ئەمما مەنىسىز تۈگىشىگە سەۋەپ بولماقتا. ئۇنداقتا زاماننىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى نېمە؟

بۇ زامانىۋى جاھاننىڭ چاڭگىلىدىن ، زامانىۋىلىق تاڭغان ئىككى " ز" دىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ئۈچ " ت " دۇر. يەنى " تېپىش"،" تىزگىنلەش " ۋە " تۇرۇۋېلىش " دۇر. بىرىنچى بولۇپ ئەگەر بۇ جاننىڭ بىكارغا يارتىلمىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ جاننىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى تېپىپ چىقىشىڭىز لازىم. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى دەل ھاياتىنىڭ غايىسىدۇر. بۇنى تېپىش مۈشكۈل بولۇپ، بولۇپمۇ ھىكمەت ۋە ھەقىقەتلەرنىڭ يېرىنى سەپسەتە ۋە سىياسەت ئالغان بۇ زامانىۋى دۇنيادا غايە غەيىبتەك بىر نەرسىگە ئوخشاپ قالدى. جەمئىيىتىمىزدە باشقىلار تاڭغان غايىلەرنى خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك بىلىۋېلىپ ئۆز غايىسىدىن ئۇزاق ، توزاقلارغا تولاق، پۇشايماندىن تولغاق بولۇپ ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس.  غايىنى 40 يېشىڭىزدا تېپىپ چىقالىسىڭىزمۇ بۈيۈك بىر غەلبىدۇر. غايە بولغان چاغدىلا ئاندىن ئارزۇلارنى تىزگىنلەش،  " زوقلۇق" تىن قۇتۇلۇش مۇمكىن. زامانىۋى دۇنيانىڭ بىزگە سۇنغان سۈنئىي ئېھتىياجلار تىزىملىكىنى ئاددىي - ساددىلىق، ئىقتىسادچانلىق، سەبىر بىلەن يىرتىپ تاشلىمىساق، " زوقلۇق"نىڭ ئىستىمال قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالمىز دە قانداق قىلىپ ماددىي ئەشيالارنىڭ قۇلى بولۇپ قالغانلىقىمىزنى بىلمەي قالىمىز. ئاخىرىدا " زامانسىزلىق" زەللىسىنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن بىر تۇرۇۋېلىشىمىز لازىم.  ئىنسان سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ تۇرغان چاغدا تەپەككۇرگە زامانى، قەلبىدىن كەلگەن پىچىرلاشلارنى تىڭشاشقا پۇرسىتى بولىدۇ. چۈنكى تەپەككۇر ئۈچۈن بوش زامان ، پىچىرلاشلارنى تىڭشاشقا جىمجىتلىق كېرەك. " زامانسىزلىق" نىڭ سەۋەبى بولغان سۈرئەت بوش زامانىمىزنى قولىمىزدىن ئالسا، ئۇنىڭ بىلەن مەيدانغا كەلگەن ۋاراڭ - چۇرۇڭ جىمجىتلىقىنى بۇزماقتا. Byung-Chul Han دېگەندەك « روھ سۈكۈت قىلغاندا، گۈزەل زامان مەيدانغا كېلىدۇ ».  سۈكۈت دەل جىمجىتلىق ۋە تەپەككۈردىن ئوتتۇرىغا چىققان ھۇزۇر ھالى بولۇپ، نادانغا سۈكۈت قىلغاندەك، سۈرئەتكىمۇ سۈكۈت قىلىش سۈننەتتۇر، غايىلەرگە نۇسرەتتۇر.

يىغىنچاقلىغاندا ئۆمۈر قىسقا توختاپ تۇرمايدۇ.  ئەڭ مۇھىمى يۇقىردا دېگەندە 80- يىللىق توختىمى بولمايدۇ. ئەتە ساق تۇرۇشىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ قۇرلارنى يېزىشتىن ئاۋۋال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش مىنى قاتتىق سىلكىپ « ئۆمۈر قىسقا، ئۆلۈم قېشىڭدا » ھەقىقىتىنى خاتىرلاتتى ۋە بۇ يازمىنى ئەتىگە قويۇپ قويماسلىققا ئۈندىدى. بۇ دۇنياغا بىرلا قېتىم كېلىمىز. ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز بەلكى ئەتە ئۆلۈپ كېتىمىز. بۇ ئۆلۈپ كېتىدىغان جانغا، جاھان ئۈچۈن نېمىشقا ئۇ قەدەر ئۆزىمىزنى ئۇرۇپ كېتىمىز؟! شۇئارىمىز: « ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تەپەككۈر قىلىمىز، ئۆلمەيدىغاندەك ياشاپ كېتىمىز! ».

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

ھازىر سۈتتىن سۇ ياخشى ، قايمىقىدىن قاق

سەھەرنىڭ مۇجىزەسى

سۈنئىي سۈت