Kayıtlar

ساغلاملىق مەسئۇلىيەتتۇر

  ساغلاملىق  ئەركىنلىك ۋە  ھۆرىيەتتۇر. ساغلاملىق ھەققى تۇنجى قېتىم 1946 - يىلى   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا < مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ يۈكسەك ساقلىق ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇش، ئىرىق ، دىن ، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى نېمە بولسا بولسۇن، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقىدۇر > دەپ تەرىپلەنمەكتە. بۇنىڭغا ئوخشاش  خەلقئارالىق ۋە ئۇنىۋېرسال قانۇنلار گەرچە ساغلاملىق ھەققىنى ئىنسان ھوقۇقى كاتېگورىيەسىدە  تەھلىل قىلسىمۇ، بۇ قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى ئىجراسىنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويساق، كىشىلەر  ساغلاملىق ھەققىنى <  كىشىنىڭ داۋالىنىش پۇرسىتى ۋە  پاراۋانلىقىدىن باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا بەھىرلىنىشتۇر > دېگەندەك  تار مەنادا چۈشۈنۈپ قالماقتا. ئەمەلىيەتتە ساغلاملىق بىر ئەركىنلىك بولۇپ، ھېچقانداق كېسەللىك، دورا ۋە دوختۇرخانىغا بېقىندى بولۇپ قالماستىن، ھاياتىنى سۈپەتلىك ۋە ئەركىن ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ ئەركىنلىكنىڭ چەك - چېگرىسىنى بەلگىلەيدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئاۋۋال ئېنىق ئايدى...

تەپەككۈر، تەبەسسۇم، تەۋەككۈل

ھايات مەنالار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بىزدىن بۇ مەنالارنى تېپىپ چىقىش، چۈشنىش ۋە ياشاش  تەلەپ قىلىنىدۇ. ھاياتنىڭ غايىسى بۇ مەنالار ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئىنسان بولۇپمۇ ئىنسان روھى بۇ مەنالار بىلەن خۇشاللىق تاپىدۇ، بۇ مەنالار بىلەن كۈچ- قۇۋۋەتكە تولىدۇ. روھنىڭ ئېنېرگىيەسى خۇشاللىق بولسا، خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى بولسا مەنانىڭ روھ بىلەن ئۇچرىشىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ  «ھاياتنىڭ مەنىسى قالمىدى؟» دەپ قاقشىشى، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقىقەتنى ئىستىخىيىلىك بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىپ بېرىشىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئىنسانلار بۇ مەنالارنى تېپىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى، غايىسىدىن ئۇزاقلاشقانلىقى ياكى غايىسىز يۈرۋاتقانلىقى ئۈچۈن، روھ ئېنېرگىيەسى بولغان خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالماقتا، تۇرمۇش مەنىسىزلەشمەكتە. جەمئىيەت ۋە دۇنيا ھازىرقى تەرەققىيات چۈشەنچىسى بىلەن تەرەققىي قىلىشنى داۋام قىلغان تەقدىردە، مەيلى ئىلىم - پەن نەقەدەر تەرەققىي قىلىپ ھاياتىمىز قولايلاشسۇن، مەيلى ماددىي ھاياتىمىز نەقەدەر تەرەققىي قىلىپ يانچۇقىمىز توملاشسۇن، ھاياتمۇ ئۇ قەدەر مەنىسزلىشىشكە، تۇرمۇش خۇشاللىقتىن ئۇزاقلىششقا داۋام قىلىدۇ. دۇنيا مىقياسىد...

ئۇيقۇ سەنئىتى

  سەنئەت بىر پىكىر- ئىدىيە ، ھېس- تۇيغۇنى  ئىپادىلەش شەكلىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بىر ئىشىنى ، بىر ھۈنەرنى ماھىرلىق بىلەن قىلىش قابىلىيتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىر ئىشنى ئۇستىلىق بىلەن قىلالايدىغانلارغا سەنئەتكار دەيمىز. ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ماھارەتلەرنى ئىگىلىشى كېرەك. مەسلەن،  ئوقۇش، يېزىش، ئۈزۈش، ھەيدەش قاتارلىق كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ھۈنەرلەرگە  ئوخشاش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيقۇسىنى تەرتىپلەش ۋە ساغلاملىقىنى قوغداشمۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان،  لېكىن ئىگىلەشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ماھارەتلەردۇر. رىقابەتكە تولغان  ئىش دۇنياسىدا ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۇپ قىلىش،  يەنى شۇ ئىشنىڭ سەنئەتكارى بولۇش مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ شەرتى بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، ئىنسان ساغلاملىقى ھەر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇ دەۋردە ھەر بىر ئىنسان ساغلاملىقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئاسرىشى لازىم.بۇ تېما بىر قانچە يازمىدا تەكىتلىنىۋاتقان ساغلاملىقنىڭ باشلانغۇچى، ساقلىقنىڭ كاپالىتى بولغان ئۇيقۇ بولغاندا،  ئىنسان تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى، ئۇيقۇنى سەنئەتلىك ئۇ...

ئۇيقۇسىزلىق

  ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى بولغاندەك،  ئۇيقۇسىزلىق تۇرمىشىمىزنىڭ كاساپىتىدۇر. ئۇيقۇسىزلىق پەقەت بەدەن ساغلاملىقىمىزغا تەسىر قىلىپ قالماستىن، ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇسىزلىق روھ ساقىلىقىمىزغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلار بىلەن ھاياتىمىزنى زىندان قىلىدۇ. شۇڭا ئېينىشتېين : « ئۇيقۇسىزلىق ئەقىللىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتى» دېگەنىدى. ئۇيقۇسىزلىق بەك كەڭرى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ پەقەت بىر ئۇخلىيالماسلىق مەسىلىسى بولماستىن، كېچىچە خورەك تارتىپ ئۇخلىغان بىلەن سۈپەتسىز ئۇيقۇ سەۋەپلىك،  ھەر خىل كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولىدىغان  < ئۆلۈم ئۇيقۇسى >  مۇ ئەسلىدە بىر ئۇيقۇسىزلىقتۇر. ئۇيقۇسىزلىق پەقەت ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ قىسقا بولىشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، جىق ئۇخلاشمۇ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. ساغلاملىق نورماللىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان بولغاچقا،  چوڭلارغا نىسبەتەن ئۇيقۇسى 6 سائەتتىن قىسقا بولغانلارنىڭ يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ۋە بۇ سەۋەپلىك ئۆلۈش خەۋپى يۇقىرى بولغانغا ئوخشاش، كۈندە 9 سائەتتىن ئۇزۇن ئۇخلىغانلارمۇ ئوخشاشلا يۈرەك- قان تومۇر كېسەللى...

ئۇيقۇ ۋە ساغلاملىق

  ئۇيقۇ بەدەن ۋە روھنىڭ كۆرۈنمەس ئوزۇقى بولۇپ، سۈپەتلىك ئۇيقۇ  نەتىجىسىدە بەدەن كۈچ - قۇۋۋەتكە، روھ شاد- خۇراملىققا تولىدۇ. شۇڭا كونىلار < ھېلىمۇ كىچە يارىتىلىپ قاپتىكەن، بولمىسا قانداقمۇ قىلاتتۇق؟ > دېيىش ئارقىلىق ئۇيقۇغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئەمما كىچە يارىتىلىپ ئۇيقۇ ئىنسانلارغا نىمەت سۈپتىدە بېرىلمىگەن بولسا، ئوخشاشلا ئىنسانلىق قانداق قىلاتتى؟ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرايتتى؟ كىچە بولغاچقا ئىنسان ئۇخلامدۇ ياكى ئىنسان ئۇخلايدىغان بولغاچقىمۇ كىچە بولىدۇ؟  ئەسلىدە كىچە بىلەن ئۇيقۇ ئىنچىكە ھېسابلانغان، ئىچىدە ئاجايىپ تەرتىپ يوشۇرۇنغان تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىر تۇغقان قوشكىزەكلەر ھېسابلىنىدۇ. كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى بىئولوگىيەلىك سائەت ( Circadian rhythm   ) نىڭ باشقۇرۇشىدا  بولىدىغان بولسا، ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىقنىڭ تەرتىپى ئۇيقۇ ئويغىنىش تەڭپۇڭلىقى ( S leep wake homeostasis    ) تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا. بۇ ئىككى سىستېمىنىڭ ئۆزىگە خاس ھورمونلىرى بار بولۇپ، ئىنسان بەدەندىكى پۈتۈن فىزىئول...

ئۇيقۇ ۋە تۇيغۇ

  ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بوۋاق كارىۋىتى بولغان ئانا بالىياتقۇسىدىكى ئۇيقۇ بىلەن باشلايدۇ. بۇ 9 ئايلىق ئۇيقۇ بىلەن  بىر تېمىم مەنىدىن ۋۇجۇد تاپقان ئۇ تاق ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە، كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تىرىلىيونلىغان ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان، مۇرەككەپ فۇنكسىيەسى بولغان ئەزالارنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن، ئەقىل قۇۋۋىتىگە ئىگە، ھېسسيات- تۇيغۇلارغا باي بىر ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزگە كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئۇيقۇنىڭ ئىنسان بەدىنى ۋە تۇيغۇسى ئۈچۈن نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.  مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،  بۇ 9 ئايلىق ئۇيقۇ بىلەن بىر ئۆمۈرلۈك ئويغىنىشنىڭ ئۇلى سېلىنىدۇ. بۇ 9 ئايلىق جەرياندا ئوبدان ئۇخلىمىغان، بالىياتقۇدا ياخشى ياتمىغان بالا بالدۇر ئويغۇنۇپ ئۆلۈم بىلەن دۇنيا ھاياتىغا چىكىت قويغان بولىدۇ. قېنىپ ئۇخلىغانلار بولسا 9 ئاينىڭ ئاخىرىدا ئانىسىنىڭ بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىشى،  غىدىقلىشى ۋە بوۋاقنى ئۈنسىز ئويغىتىشى بىلەن چاپاق باسقان كۆزلىرىنى بۇ دۇنياغا ئاچىدۇ.  دەسلەپتە ئانا...

قۇياش ۋىتامىن چاچىدۇ، ئىنسانلار ئاپتاپتىن قاچىدۇ

  ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا ۋىتامىنلارنىڭ ئىنسان ساغلاملىقى، خۇشاللىقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. بۇ ۋىتامىنلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D ( Calciferol ) ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ۋە رولى جەھەتتىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ۋىتامىنلارنىڭ پادىشاھى ۋە چولپىنى دېسەك، مۇبالىغلاشتۇرغان بولمايمىز. ۋىتامىن D تۈرتكىسىدە سۆڭەكلىرىمىزنىڭ خام ماددىسى بولغان كالتىسىي ۋە فوسفور ئۈچەيلىرىمىزدىن شۈمۈرلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭسىز ئىچىلگەن قىممەت باھالىق كالتىسيلەر، غاجىلانغان سۆڭەكلەر ھاجەتخاننىڭ يولىنى تۇتىدىغان بولغاچقا، سۆڭەكلىرىمىز سېمونت قويمىغان قۇمدەك، سامان ئارىلاشتۇرمىغان لايدەك يۇمشاق ۋە چۇۋۇق بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۆڭەك شالاڭلىشىش مەيدانغا كېلىپ، ئازراق مىتكوت كەتسە سۆڭەكلىرىمىز شالاقشىپ، موسكۇللىرىمىز بوشىشىپ، ئۇستىخانلىرىمىزدا سۇنۇق، بوغۇملىرىمىزدا چىقىق پەيدا بولىدۇ. ئىنسان  قېرىغانسىرى بويىنىڭ پاكارلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسىمۇ سۆڭەك شالاڭشىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا سۆڭەكلەردە پەيدا بولغان سۆڭەك تىكەنلىرى  پەيدا قىلغان ئاغرىقىنىڭ دەردىنى سۆيۈملۈ...

ۋىتامىنسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى

تەبىئەت ئەڭ بۈيۈك دورىخانا بولۇپ، تەبىئەت بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك تەبئىي دورىلار بىلەن تولغاندۇر. تەبئىي يېمەك- ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ تەبئىي دورىلارنىڭ سەركىسى، ساغلاملىقىمىزنىڭ ئۇلتېشى بولغان ۋىتامىنلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ، < دورىڭىز ئوزۇقىڭىز بولسۇن، ئوزۇقىڭىز تەبىئىي بولسۇن > شۇئارىمىزنىڭ مەنتىقىسى دەل بۇ يەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز مەزكۇر تېمىدىكى يازمىنى ئوقۇپ چىقىڭ ). مەسىلەن 100 گىرام ياڭاقنىڭ تەركىبىدە IU 20 ۋىتامىن A ، 0.3 مىللىگرام ۋىتامىن B1 ، 0.2 مىللىگرام ۋىتامىن B2 ، 1.1 مىللىگرام ۋىتامىن B3 ، 0.6 مىللىگرام ۋىتامىن B5 ، 0.5 مىللىگرام ۋىتامىن B6 ، 98 مىكروگرام ۋىتامىن B9 ، 1.3 مىللىگرام ۋىتامىن C ، 0.7 مىللىگرام ۋىتامىن E ، 2.7 مىكروگرام ۋىتامىن K ، 39.2 مىللىگرام خولىن بار بولۇپ، ھەقىقىي ساغلاملىق تونۇشى، تەبئىي ئوزۇقلىنىش قارىشى، توغرا تۇرمۇش ئادىتى بولغان بىر ئىنساندا ۋىتامىن كەمچىللىكى مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئەمما نۆۋەتتە زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ سۇسلۇقى ، شىپانى دوختۇر ۋە دوختۇرخانىدىن ئىزلە...