Kayıtlar

ئىقلىم سىقىلدى، ساقلىق بوغۇلدى

  دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ دەھشەتلىك نەتىجىلىرىنى كۆزى كۆرۈپ تۇرۇپ،  ئىقلىمنىڭ ئىچىنىڭ ئاجايىپ سىقىلغانلىقىنى بىر تۈرلۈك تونۇپ يىتەلمەيۋاتقان بىر پەيىتتە، كانادادىكى Meritt   ئىسىمىدىكى بىر دوختۇر ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋىپلەرنى ئېلىپ كېلىپ بىز بىلمەيدىغان كېسەللەرگە ۋە شىكايەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەچكە، يېقىندا نەپەس قىيىنلىقى بىلەن كەلگەن بىر بىمارغا دۇنيادا تۇنجى قېتىم « ئىقلىم ئۆزگىرىشى »  دىئاگنوزنى قويدى. ئۆپكە ياللۇغى،  يۈرەك زەئىپلىكى ، زىققا ئەمەس، ئىقلىم ئۆزگىرىشى. ئىقلىم ئۆزگەردى دېمەك، بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ساقلىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان شەرتلەر ئۆزگەردى دېمەك. چۈنكى  نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى تەبىئەت بىلەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەردەك  ياشاپ ، ئىقلىمنىڭ خۇي- پەيلىگە قارتا ماكان، تۇرمۇش، بەدەن ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ئىنسانلارنىڭ بۇ ئۆزگىرىشىگە قىسا ۋاقىتتا كۆنەلىشى ، بەدىنىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا نەتىجە كېسەللىك ۋە پالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ھەكىم ئىزىغا تۇنجى قەدىمىمىزنى ئا...

ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بىلىۋال

  ھەر نەپىس ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھېكمىتى بولسا بۇ ئۆلۈمنى قاچان ۋە نەرىدە تېتىيدىغانلىقىمىزنى بىلمەسلىكىمىزدۇر. بۇ ئۇچۇرلار خۇددى نەرىدە، قايسى مىللەت، قانداق بىر جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتتە ئاپىرىدە بولىشىمىزنى بىلمىگەن، تاللاش ھوقوقىمىز بولمىغان بىر شەكىلدە بۇ دۇنياغا تۇغۇلغانغا ئوخشاش بىر سىر سۈپتىدە شۇ ئاخىرقى تېنىقىمىزغىچە بىزگە ھەمرا بولىدۇ. بۇ سىرنىڭ ھېكمىتى ۋە نېمىتى ھەركىمنىڭ تەپەككۈرىگە ھاۋالە قىلىنغان. بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ، ھاياتنىڭ غايىسىدىن ۋە مەنىسىدىن بىخەۋەر ياشاۋاتقانلار ئەسلىدە ئۆلۈپ بولغانلار بولۇپ بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوق. ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ئويلانمىغان، تەييارلىق قىلمىغان ئىنسانغا ئۆلۈم ئۆزىنى ئۇنۇتتۇرىدۇ. ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان پەيتتىمۇ نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ. قان راكى بۆلۈمىدە تەلىم- تەربىيىمىز داۋام قىلىۋاتقان مەزگىللەر...  قان راكى بىلەن بىر قانچە كۇرۇس خىمىيىلىك داۋالاشنى تۈگىتىپ يىڭى داۋالاش كۇرسىنى ئىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقان بىر تاغىمىز، ماڭا ئۆزىنىڭ ھال- ئوقىتىنى ئاڭلىتىپ، بىر قانچە يەردە ئۆيى ۋە مۈلكى بارلىقىنى ئ...

ئاچلىق ۋە ساغلاملىق

  ئەلمىساقتىن ساغلاملىقنىڭ سىرىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشقان ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى بۇ يولدا سەرپ قىلغان  ھەكىملەر ئۇزۇن يىللىق كۈزتىشلەرگە ئاساسەن ئاز يېيىش ۋە ئاچلىقتىن ئىبارەت بۇ قولاي لېكىن ئەڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپنى تېپىپ چىققان ئىدى. بۇ تەبئىي شىپانى، لوقمان ھەكىم: « كىمكى كۆپ يېيىشتىن ساقلانسا، كۆپ دورا يېيىشتىن ئازاد بولىدۇ » ، ئارىستوتېل: « غىزايىڭ بولسا گەر يېنىك ۋە لەتىپ، مىزاجىڭ ھېچقاچان بولمىغاي زەئىپ»، ئىبن سىنا: « دوختۇرغا ئېھتىياجىم چۈشمىسۇن دېسەڭ، ئاز يە، ئاز ئۇخلا، ئاز گەپ قىل»، ئائىدىن سالىھ: « شىپا مۇتلەق ئاچلىقتىدۇر» دېگەن سۆزلەر بىلەن بايان قىلغان ئىدى. بۇ ھېكمەتنىڭ تەكتىگە يەتكەنلەر، بۇنى داۋا بىلىپ قوللانغانلار، شىپا نىيىتى بىلەن بۇ تەبىئي دورىنى ئىچكەنلەر ئۆمۈر بويى كېسەللىك ۋە دورىلاردىن ئۇزاق ياشاپ، ساغلاملىق داستانلىرىنى يازغان ئىدى. ئۇ زاماندىكى پۈتۈن يېمەك- ئىچمەكلەر تەبىئي ، تۇرمۇش  ھەرخىل سۈنئىي ماددىلاردىن خالىي بىر مۇھىتتا ھەكىملەر ئاچلىقنى تەۋسىيە قىلغان  بولۇپ، بۈگۈنكىدەك يېمەك- ئىچمەكلىرىمىز ناتەبىئىي، تۇرۇشىمىز سۈنئىي ماددىلار ۋە ناتوغرا پائالى...

سۈنئىي گۆش ساغلاملىققا ئېتىلغان مۇش

گۆش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇزۇقلۇق مەنبەسىدىن بىرى بولۇپ، بەدىنىمىزنىڭ، پىسخىكىمىزنىڭ نورمال يېتىلىشى، نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنى بەدىنىمىز تەلەپ قىلغان ئۆلچەمدە ئۆز ئىچىدە توپلىماقتا.  گۆشنىڭ تەركىبىدىكى سىنىك ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى كۈچلەندۈرسە، ۋىتامىن ب 12 بولسا نىرىپ ۋە قان سىستېمىمىزنىڭ نورمال قۇنكىسىيسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئېلىمىنت. بۇ سەۋەپلىك گۆش بىزنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدىنىيتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، قوي- كالىلار ھاياتىمىزنىڭ يېقىن دوستلىرى بولۇپ كەلدى. بەزەن مۇلايىملىقىمىز ۋە يۇمشاقىلىقىمىز قوي گۆشى يىگەنلىكىمىزگە باغلىنىپ مەسئۇلىيەتنى بىچارە قويغا ئاتىپ قويغان بولساقمۇ، ئەمما گۆشخور تەبىئىيتىمىز ھىچ ئۆزگەرمىدى ۋە ئۆزگەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى مىجەزىمىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىش ئۈچۈن كالا گۆشنى سىناپ كۆرۈپ بېقىشقا پۇرسىتىمىز، ئۇنىڭ پىسخىكىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزتىپ بېقىشقا زامانىمىز قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دۇنيا يەرشارىنىڭ ئېسىپ كېتىشىنى بىچارە كالىلارغا ئارتىپ، ئۇنىڭ يېرىگە سۈنئىي گۆشلارنى بازارغا سېلىشنىڭ ...

روزا تەبىئىي دورا-2

  3. رامىزان مەزگىلىدە بىزگە ئەڭ كۆپ سورۇلىدىغان سۇئاللاردىن بىرسى « مىنىڭ شېكىرىم ، قان بېسىمىم بار روزا تۇتالامدىم ؟ »  ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ سوئالنىڭ ئەڭ توغرا جاۋابىنى بىمارنىڭ ئۆزى بېرىشى كېرەك. بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتەشكە تىگىشلىك مۇھىم نۇقتا، ئىنسانلارنىڭ شېكىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ ھالسىزلىق، تەرلەش، باشى قىيىش، يۈرىكى شۇرررىدا بولۇپ كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش ۋە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كېتىشلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى تاماق تىزىملىكىدىكى قالايمىقانلىق، تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىدىكى يۈكسەكلىك ۋە ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك بولۇپ، بۇ خىل ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن ئوزۇقلانغان ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە  ئىنسۇلىنغا قارشى قارشىلىق كۈچى مەيدانغا كېلىدۇ. يەنى ئىنسۇلىن پاخاللىقى مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە نورمىدىن جىق ئىنسۇلىن بار بولۇپ، ئازراق شېكەرلىك بىر نەرسە يېسە ۋەياكى تاماق سائىتىگە دىققەت قىلمىسا يۇقىرىدىكى شىكايەتلەر ئۇلار روزا تۇتمىغان تەقدىردىمۇ، نورمال زامانلاردا ئوخشاشمىغان مەزگىللەردە كۆرىلىدۇ.  تەتقىقاتلار...

روزا تەبىئىي دورا-1

 گەرچە ئىنسانلار ئۆزلىرى ھېس قىلالمىسىمۇ، قىممەت ۋە ھۆرمەت جەھەتتىن  كائىناتنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئادەم ئوغلى ئۈچۈن جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئوچۇق- مەخپى شەكىلدە كىچە-كۈندۈز خىزمەت قىلماقتا. قۇياش نۇرى ھاياتىمىزغا ھارارەت، سۈزۈك سۇلار چاڭقىغان يۈرەكلەرگە ئابىھايات، ھاۋادىكى ئوكسىگېن نەپسىمىزگە بەرىكەت،  زىرائەتلەر- ھايۋاناتلار كۈچسىز بەدىنىمىزگە ئوزۇق، گۈل- چېچەكلەر دىماغىمىزغا ئىلھام، تىنىچ تەبىئەت روھمىزغا دەرمەن بولماقتا.  يەنى تەبىئەت بىر چوڭ شىپاخانەدەك بىر تەرەپتىن  تەبىئىي ماددىلار بىلەن بىزنى ئوزۇقلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئىي يول ۋە دورا- دەرمەك بىلەن ساغلاملىقىمىزنى قوغدىماقتا. تەبئىيلىكنىڭ ئىلمىيلىكى 1 تېمىسىدىكى ماقالىدە دەپ ئۆتۈلگەندەك زامانىۋى مېدىتسىنا بۇ تەبىئي ۋە قولاي داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئەمدىلەتىن تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.  بۇنىڭغا ئوخشاش بەدىنىمىزنىڭمۇ تاشقى ئامىللاردىن مۇستەقىل ئۆز ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان تەبىئىي ئۇسۇل ۋە چارىلىرى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ روزا. روزا ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ۋە ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىش شەك...

خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار

  جاھان تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىلىم- پەن يۈكسەلگەنسېرى ئىنسانىيەتنىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق ساپاسىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن، بۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ، ھىكمىتىنى تېپىشقا ئىزدىنىدىغان ھەربىر ئادەم بالىسى بۇ مەنزىرە ئالدىدا ئەجەبلەنمەي، كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇلانماي قالمايدۇ. ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قېيىن ۋە ئاچارچىلىق بىلەن تولغان ھاياتى ۋە بۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ساغلام بەدەن ۋە مەنىلىك ھاياتىنى « تاش يېسە ماش بولدىغان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە ئىزىلىپ قالمايدىغان» دەپ يىغىنچاقلىساق خاتا بولمايدۇ ھەرھالدا. ئەمما بىز يىڭى نەسىللەر راھەت- پاراغەت ئىچىدە خۇشاللىقتىن مەھرۇم، توقلۇق ئىچىدە ساغلام ۋۇجۇتقا تەشنا مەزلۇم. ئوغۇللار 60-50 ياشلارغا بارماي گىرىپتار بولغان ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدە ئۆزىنىڭ بەدەن ساقلىقى ئاساسلىق غېمى ۋە غايىسىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە بولۇپ، ئاستا ئولتۇرۇپ، ئاستا تۇرماقتا. بوران-چاپقۇنلارغا باش ئەگمىگەن قارغايدەك ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە كىچىككىنە شامالدا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان قوناق شاخلىرىغا ئوخشاپ قالماقتا. ئانىلىرىمىز 5-4 بالىنى قاخشىماي تۇغ...

بولدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، ئۇنداقتا ساغلام ئىنسان؟

  دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلار ئارىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مۇناسىۋەت، بىر تەڭپۇڭلۇق بار بولۇپ، يەر شارىنىڭ ھاياتتا قىلىشى خۇددى بۇ تەڭپۇڭلۇققا باغلىق، ئىنسان ھاياتىنىڭ غايىسىمۇ خۇددى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشتىن ئىبارەتتەك بىر ھېس بېرىدۇ ئىنسانغا. تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشنىڭ قائىدىلىرى قانۇن ، بۇ سىرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان پائالىيەتلەرنى ئىلىم- پەن دېسەك خاتا بولماس ھەرھالدا. ئەگەر كائىناتتىكى بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا، شەيئىلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق بۇزۇلۇپ بىر- بىرىگە دۈشمەن ھالغا كەلگەندە قىيامەت قايىم بولدى دېمەكتۇر. بۇ بۈيۈك رەسىمنىڭ كىچىك كارتىنىسى ئىنسان بەدىنى بولۇپ، كائىناتنىڭ غوجكىسى دەپ چوڭ گەپ قىلىدىغان ئىنسان بەدىنىدە ئىنسان ھۈجەيرىسىدىن جىق باكتېرىيە بار. دەل بۇ باكتېرىيە ئىنسان ھاياتىنىڭ قالقىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى پىدايىلىرى بولۇپ ، ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۆرەش قىلىشتا، بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپ چىق...

قېرىماسلىقنىڭ دورىسى

قېرىش ئىنسان ھاياتلىق سەپىرىدىكى بىكەتلەردىن بىرى بولۇپ، قېرىش سەۋەپلىك ئىنسانلارنىڭ ئاناتومىيسىدە، فىزىلوگىيسىدە ۋە پىسخولوگىيسىدە  چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئىنسان بالىسى قېرىشنى خالىمايدۇ، ئەمما قېرىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولغان ئاق چاچلار، خىرە كۆزلەر، قورۇق باسقان تېرىلەر بىزگە بۇ ھەقىقەتتىن پىچىرلايدۇ، بىز ھېس قىلالمىغان ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە بۇزىلىشى بىلەن بىزنى ئۆلۈمگە ھازىرلايدۇ. بىر يازغۇچى دېگەندەك: « ئاق چاچلار، ئۆلۈم بىلەن  ۋەدىلەشمەك، يۈرەككە قويۇلغان دىيەك بۇ تويغا ئۈزۈك تاقاشتۇر».  قېرىلىق كېلىپمۇ ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى پۇرىيالماي، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلمىغانلارنىڭ سەپىرى مۇشەققەتلىكتۇر. بۇرۇندىن تارتىپ بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلار، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىنى ئېغىر كۆرگەنلەر بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆلمەسلىكنىڭ چارىسى ۋە دورىسىنى تېپىپ چىقىشقا كۆپ تىرىشتى. ئەمما ھەممىسى دېگىدەك قەلبىدىكى بۇ چۇڭقۇر ئۈمىدلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئۈمۈدلەردىن ۋاز كەچمىگەن، ئۇ دۇنياغا ھېچ ئۈمىدى بولمىغان بەزىلىرى بەلكى زامان ۋە پەن- تېخنىكا ...

دورا شىپا بولسۇن، بۇدساتۋا بولمىسۇن

پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپمۇ مېدىتسىنا ۋە بېيومولىكۇللا ئىنژىنىرلىكى ساھەسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن دورا كەشىپ قىلىش، لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىش قوللىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. ئىلىم- پەندىن كۈچ ، پۇلدىن مەدەت، كېسەللەردىن ئۈمىت ئالغان دورا- دەرمەك ئىگىلىكى ئۇ قەدەر يۈكسەلدى ۋە ئۆزگەردىكى ، دورا كېسەللەرگە شىپا بولدىغان بىر ۋاسىتە ۋە مەقسەت بولۇشتىن چىقىپ شىركەتلەتلەرنىڭ قۇرال- ياراقتىن قالسا ئەڭ چوڭ پەيدا ئەكىلىدىغان بىر تىجارەت مېلىغا ئۆزگەردى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە  ھەرخىل ئېلان- مۇبالىغە ۋە سىرلىق ئەپسۇنلار بىلەن بىر ئىلاھ سۈپتىدە  كېسەللەرنىڭ قەلبىدە تاج قۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئىلاھ كېسەللەرنى ئۇ قەدەر ئالقىنىغا ئىلىشقا باشلىدىكى، كېسەللەر ئۇنىڭسىز ئۇخلىيالمايدىغان، خۇشاللىق تاپالمايدىغان، ئۇنىڭسىز ئەۋلاد قالدۇرالمايدىغان، ساقىيالمايدىغان ، ھەتتا ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان ھالغا كەلدى. دورىغا ئاشىق- بىقارار بولغان كېسەللەر ئۇنىڭ ئەسلىدى بىر خىمىيىلىك زەھەر- ئوغا 1 ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان بولۇپ، قىممەتلىك زەھەرنى...