Kayıtlar

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 2

  « ھەكىم ئىزى » دە ھەر دائىم تەكىتلەنگەندەك مۇھىتىمىز بىزنىڭ جان دوستىمىز بولۇپ پاكىز ۋە ساغلام مۇھىتسىز بىر ساغلام ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ خۇددى بىر ئىللىق ئائىلە قۇچىقىغا ئوخشاش ھەم بەدەن ساغلاملىقىمىزنى كۈچلەندۈرسە ھەم روھ ساغلاملىقىمىزنى پەپىلەيدۇ. شۇڭا زىرىكمەي-تىرىكمەي« مۇھىتقا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ئەسلىدە ئۆزىمىزگە قىلغان قىرغىنچىلىقىتۇر» دەپ نىدا قىلىشتىن ۋە ۋاقىراشتىن ھارمايمىز، سىقىلمايمىز! گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار (گ. ۆ. ج ) نىڭ مۇھىت ساغلىقىمىزغا بولغان تەسىرلىرىدىن بىرى گېنىمىزغا، مەخپىي ئۆيىمىزگە قىلىنغان تاجاۋۇزلۇقىدۇر. كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ گېنى ھاياتلىق گېننىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەم ئاجايىپ ئوخشاشلىققا ھەم ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. خاسلىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان گېنىمىزنىڭ پەقەت 0.01 پىرسەنتلىك قىسمى بولۇپ،  بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىقتەك كۆرىنىدىغان 8 مىليارد ئىنساننىڭ،   ئوخشىمىغان مىللەت،  مەزھەپ ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش. بۇ مەيلى بىز دۈشمەن دەپ ئېلان قىلايلى، پەرقلىق سىنىپلارغا بۆلەيل...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە مۇھىت ساغلاملىق- 1

بىر ئىنساننىڭ ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئۇ چوڭ بولغان ئائىلىنىڭ،  ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە  مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە بىزنىڭ تىلىمىز، ئىرقىمىز بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. مەدەنىيەت بولسا مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ پىكىر- ئىدىيەسى ۋە ئاڭ- چۈشەنچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى قۇياش، ھاۋا، تۇپراق، سۇ، تاغۇ- دەريا ۋە ئورمان- ئوكيانلار ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار مەدەنىيەتكە ئوخشاش بىزنىڭ بەدەن ساپامىزنى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ۋە ساغلاملىقىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەسلەن دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام ھايات ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغان يېشىللىق رايون كىشى بېشغا ئەڭ ئاز 10 مېتىر كۋادرات بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېشىللىق رايونلارغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بۇرۇن يېشىل گۈل- گىياھلار بىلەن بېزەلگەن تەشتەكلىك ھويلىلاردا، ئورمان- كۆكتاتلار بىلەن تولغان مەھەللىلەردە چوڭ بولغان ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ قەددى- قامىتى تەڭرىتاغ قارغايلىرىد...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ۋە بەدەن ساغلاملىقى

  ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ساغلاملىقى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېما بىلەن بولغان بىر پۈتۈنلۈكى ۋە تەڭپۇڭلىقى بەدەن ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولۇپ، « ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېمى » ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ساغلاملىقىمىزنى قوغدىغۇچى بىر قورغاندۇر. ھەقىقىي كېسەللىك بۇ قورغاننىڭ يىقىلىشى بىلەن باشلايدۇ. بۇ سىستېما تاشقى دۇنيا ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار، مەلۇماتلار ۋە ئاخپاراتلار ساقلانغان DNA (گېن) مىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە قۇرغان بولغاچقا، بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن ناتەبىئىي نەرسىلەرنى دۈشمەن دەپ بىلىپ ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، دۇنيادىكى پۈتۈن تەبىئىي ئورگانىزملارنىڭ ئۇچۇر- مەلۇماتلىرى، ئەمەلىي ھاياتتا قولغا كەلگەن تەجرىبىلەر ئاتا - ئانىمىزنىڭ گېنى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز بۇلارغا قارشى تۇغما ( innate ) قابىلىيەتكە ئىگە. شۇڭا تاش- تۇپراق يېسەكمۇ، ئۇلار تەبىئىي بولغان ئەھۋالدا بۇ سىستېما ئۇنى دوست دەپ بىلگەچكە بەدىنىمىزگە زىيان قىلمايد...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار مەسىلىلەرگە چارەمۇ؟

  گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار ( گ. ۆ. ج ) نى بازارغا سۇنۇۋاتقان بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى گ. ۆ. ج لارنىڭ يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرخىل قاتتىق  ئىقلىم شەرتلىرىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئاسان بۇزۇلۇپ قېلىشتىن قوغداش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئۆمرىنى ئۇزارتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاشارەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاچارچىلىقىغا چارە بولىدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەتكە بەخت ۋە سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى جار سالماقتا. شۇ بىر  ئېچىنارلىق ھەقىقەتكى دۇنيادا ھەركۈنى 3000 دەك ئىنسان ئاچارچىلىقتىن ئۆلمەكتە. ھەر سېكۇنتتا بىر نارسىدە بالا  ئاچارچىلىقتىن ھاياتقا كۆز يۇمماقتا.  ئىنسان سۈپتىمىز بىلەن بىزدىكى بەدەن، روھ ۋە تۈرلۈك  ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرنىڭ تېگىدە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە يۈز بېرىۋاتقان بالايى- ئاپەت، يىغا- زارىنىڭ ئاستىدا بۇ بىگۇناھ بالىلارنىڭ ئاھۇ- زارى، ئىنسانلارنىڭ تويماس ئارزۇ- ئارمانلىرى، ساقسىز ئاڭ- چۈشەنچىلىرى، خاتا تۇرمۇش پىچىملىرى ياتماقتا. ئەمما گ. ۆ. ج لار، تې...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلارنىڭ زىيىنى يوقمۇ؟

  بىلىم ئېھتىمالىقلار ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىر يېڭى قىياس ( hypothesis    ) نىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياكى رەت بولىشى ۋەياكى ئاغدۇرۇۋېتىلىشى ئۈچۈن قولىنىلىدىغان ستاتىستىكىلىق سىناقلارنىڭ ئېھتىماللىق قىممىتى بولغان P نىڭ خاتالىق پېيى %5 تىن كىچىك بولىشى كېرەك.  يەنى ئىلمىي تەتقىقاتلار باشلىنىشتىن ئاۋۋاللا %5 لىك خاتالىقنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا چىققان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى مۇتلەقلىق ئىپادە قىلمايدىغان بولۇپ، كىم بۇ نەتىجىلەر ئۈستىدىن كەسكىن، مۇتلەق ھۆكۈملەر چىقارسا ئىلمىي بولمىغان، ئۆزىنى بىلەلمەي چوڭ گەپ قىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ تەجرىبىخانلاردا سىناق قىلىش مۇمكىن بولمىغان، سىناق ئوبيېكتى ئىنسانلار بولغان ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇ نۇقتا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇ يەردىكى يۈزدە بىرلىك  خاتالىقمۇ بىر جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىنىڭ  يۈز يىللىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ ئۇلارغا تولۇقلاش تەس بولغان پالاكەتلەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بەدەن ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن توغرىلارغىلا ئەمەس، مۇتلەق توغرىلارغا يەنى ھەقىقەتلەرگە، ھېكمەتلەرگە ئېھتىياج...

گېنى ئۆزگەرتىلگەن جانلىقلار( گ. ۆ. ج )

  بۇرۇن قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك ،گېنىمىز بىزنىڭ سىر قۇتىمىز، مەخپىيەت ساندۇقىمىز بولغانغا ئوخشاش، باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، باشقا تۈرلەردىن پەرقلىق خۇسۇسىيەتلىرى ساقلانغان گېن كىتابى يەنى گېننومى سى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ۋاراق سانى ۋە مەزمۇنلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلى ھېكايىنىڭ پېرسوناژلىرى، ۋەقەلىكى، ئۇسلۇبىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. مەسلەن، ئىنساننىڭ 46 دانە خروموسومى بولسا، قوناقنىڭ 20،  پەمىدۇرنىڭ 24، چاشقانلارنىڭ 42 ،  مايمۇنلارنىڭ 48 ، ئاتنىڭ 64 خروموسومى بار. بۇ كىتاب يېزىلغان قەلەم ۋە ئىشلىتىلگەن رەڭ ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈرلەر ئىچىدىكى ۋە باشقا تۈرلەر ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ناھايىتى يۇقىرى. دۇنيادىكى 8 مىليارد ئىنساننىڭ 8 مىليارد خاسلىقىنى بەلگىلەيدىغان گېنىنىڭ 99.9 پىرسەنتى ئوپمۇ- ئوخشاش بولغان بولسا، بىز بىلەن شىمپاڭزىلارنىڭ گېننىڭ 98  پىرسەنتى ئوخشاشتۇر.  شۇنداقلا بۇ كىتابنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ئۇ قەدەر قۇۋەتلىككى، 0.1 پىرسەنتلىك پەرق بىزنى ئوخشاشمىغان ئىنسانلار قىلسا، 2 پىرسەنتلىك پەرق بىزنى مايمۇن بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ھەتتا كىتابتىكى ...

بىر چولپاننىڭ سۆزلىرى: راك دەرسلىك كىتابىدۇر

  راك تېمىسىدا ماقالە يېزىۋاتقان شۇ مەزگىللەردە ئامېرىكانىڭ كىنو چولپىنى ۋە پائالىيەتچى Jane Fonda   نىڭ يېقىندا لىمفا راكىغا گېرىپتار بولغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋىرىنى Twitter ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇقتۇرۇش مەقسىتىدە يازغان خېتى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. خەتنىڭ مەزمۇنى دەل 3 ھەپتىدىن بىرى راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېمەكچى بولغانلىرىمىزنىڭ بىر خۇلاسىسى بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن راكقا مۇناسىۋەتلىك ئۆگىنىدىغان دەرس ۋە ساۋاقلار بار ئىدى. بۇ قېتىمقى لىمفا راكى 86 ياشقا كىرگەن بۇ سەنئەتچىنىڭ گېرىپتار بولغان 3- قېتىملىق راكى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن 2010- يىلى ئەمچەك راكىغا، 2019 - يىلى تېرە راكىغا دۇچار بولغان ئىدى.  ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئەندىزىسى ۋە داۋالىنىش تەپسىلاتىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ راكلار زەنجىرنىڭ 1- قېتىملىق راكتا ئىشلەتكەن خىمىيەلىك دورىلارنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ بۇنىڭغا بىرنېمە دېيىش تەس. ئەمما خىمىيەلىك دورىلارنىڭ ( ماركىلىق زەھەر ) ئىككىلەمچى راكلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئۇ خېتىگە بىر نەزەر تاشلايلى: « بۇ بىر د...

راك- پۇرسەت قاچمىسۇن، ئۈمىد ئۆچمىسۇن

  ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن گېنلارنىڭ يىغىندىسى گېننوم ( Genom ) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پرىنتېردىن بېسىپ چىقارساق، گېننوم ئىسمىغا لايىق تەرىقىدە 262 مىڭ ۋاراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 175 توملۇق قېلىن بىر كىتاپ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئىنساننى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى گېنىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت %2 - 1.5 ى   كۈندىلىك ھاياتىمىز بىلەن مۇناسۋەتلىك ئاقسىل ۋە ئېنزىملارنى كودلايدىغان بولۇپ، قالغان قىسمىنىڭ نېمە رولى بارلىقى تېخىچە بىر سىر. بەلكىم بىز ھېس قىلماستىن كۈندىلىك ئىش پائالىيەتلىرىمىز ھەتتا ئوي- خىياللىرىمىز بۇ سىغىمى بۈيۈك ساقلىغۇچى دىتالغا ساقلىنىۋاتقان بولۇشى، پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ ھېكايىلىرى، ئاچچىق - چۈچۈك سەرگۈزەشتىلىرىمىز بۇ كىتابقا ئۆز قەلمىمىز بىلەن يېزىلىپ كېلەچەكتە نەشىر قىلىنىشنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئايروپىلانلارنىڭ قارا قۇتىسىغا ئوخشاش گېنىمىز بىزنىڭ ھەم سىر قۇتىمىز،ھەمدە مەخپىيەت ساندۇقىمىزدۇر. ئىنساننىڭ خاتالىقى، بىخوتلىقى ۋە پەرۋاسىزلىقى تۈپەيلى بەزى سىرلارنىڭ پاش بولۇشى، بەزى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بەزى كېسەللىكلەر ئوتتۇر...

قىرىقتىن ئاشقاندا راك بولماي دېسەڭ

  بىريگخام ۋە ئاياللار دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا ئۈچەي، ئەمچەك،قىزىلئۆڭگەچ، بۆرەك، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق بىرمۇنچە راك تۈرلىرىنىڭ 50 ياشنىڭ ئاستىدىكى كىشلەر ئارىسىدا ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى ( Nature Reviews Clinical Oncology  ).  كۈنىمىزدە راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ياشىغان « كونا» دەۋرلەرگە قارىغاندا كۈنسېرى  كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 60 ياشتىن ئاشقان قېرىلاردا  كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولغاچقا، بىلىم دۇنياسى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارغانلىقى تۈپەيلىدىن دەپ قاراپ « يېڭى »  دەۋرنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىرىنى ھاردىم- تالدىم دېمەي، داڭلاشتىن توختاپ قالمىدى. ئەمما راكنىڭ 50-40 تىن ئىبارەت بالدۇر ياشلاردا كۆرۈلۈشىگە باشلىشى نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئەپسۇسلاندۇردى ۋە راكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى. ئەسلىدە راك 90- يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئاۋۇشقا باشلىغان بولۇپ، خۇددى يۇقۇملۇق...

راك مىراس قالمىسۇن

  بىزلەرنىڭ راك ئىبارىسى بىلەن تۇنجى تونۇشىشى ھەرھالدا « مەڭگۈلۈك مۇھەببەت » فىلىمىدىكى خەمىت بايۋەتچى ئايالى رۇخسارىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاڭلىغان چاغدىكى ئۇ ئېچىنىشلىق ۋاقىراشلىرى بىلەن باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا فىلىمنىڭ تىراگېدىيەسىنىڭ تەسىرىدە ئازابلانغان گۈدەك قەلبىم بىلەن دادامدىن « راك ساقايمامدۇ ؟ » دەپ سورغانلىقىم غىل- پال ئېسىمدە. ئۇ كۈندىن باشلاپ دوختۇرلۇق ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان  «خەمىت» بايۋەتچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىغا، نۇرغۇن رۇخسارىلارنىڭ ۋاپاتىغا شاھىت بولدۇم. ئېكرانلاردىن كۆرگەن ئۇ فىلىمنىڭ ئوخشىشىنى ھەققىي تۇرمۇشتا كۆرۈش ئىنساننى تېخىمۇ ئازابلايتتى. مەزمۇنى ئوخشاش، نەتىجىسى ئوخشاش، پەقەت پېرسوناژلار پەرقلىق ئىدى. راك   ( Cancer )  ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ كېسەللىكنىڭ دىئاگنوزى ۋە داۋالىشى جەھەتتە نۇرغۇن بۆسۈش خارەكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما راك يەنىلا دۇنيا بويىچە ئىنسانلارنىڭ جېنغا زامان بولىۋاتقان كېسەللەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا كەلمەكتە. دۇنيا سەھى...