Kayıtlar

توغرا نەپەس، قېيىن ئەمەس

  نەپەس ئېلىشنى بىلەمسىز؟ بۇ  چاقچاق قىلىپ سورالغان سوئال بولماستىن، نەپەس ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى تەدبىقلايدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىنسانلارنىڭ جىقى توغرا نەپەس ئىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ،  بىز نورمالدا بەكمۇ دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بۇ نەپەس ئېلىشتىكى ناتوغرىلىق،  ئىنساندا ئاسان ھېرىش، تېرىكىش، باش ئاغرىقى ، چۈشكۈنلۈك، ئۇيقۇسىزلىق، مۇسكۇل ئاغرىقى ۋە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولماقتا. چۈنكى نەپەس ئېلىش بەدىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم فۇنكسىيەسى بولۇپ، تولىمۇ ئاددىي كۆرۈنگەن بۇ پائالىيەت ئەسلىدە بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئىنچىكە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاۋادىن ئېلىنغان ئوكسىگېن پۈتۈن ھۇجەيرىلىرىمىزگە قەدەر يېتىپ بېرىپ، ھۇجەيرىلەرنىڭمۇ نەپەس ئېلىشى ۋە ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. نەپەسنىڭ مۇھىملىقىدىن ئۆلۈمنى « ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنى بەردى» دەپ تەسۋىرلىسەك، جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشىمىز ھاۋا يولىنىڭ ئوچۇق بولىشىنى، سۈنئىي نەپەس ئېلىشنى قول...

سەھەر تۇر، سەگەك بول

ئالدىنقى يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك بىئولوگىيەلىك سائىتىمىز يەر شارىنىڭ فىزىكىلىق سائىتى بىلەن مۇنتىزىم بىر تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى ئىنچىكە بىر شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرماقتا بولۇپ، بۇ سائەتلەر ئارىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنى ۋە ھايات مۇۋاپپىقىيەتلىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بىئولوگىيەلىك سائەتنىڭ بەدىنىمىزدە مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم رىتىم بىزنىڭ ئۇيقۇ رىتىمىمىز بولۇپ، بىز سەھەر دەپ ئاتايدىغان بىر كۈنلۈك فىزىئولوگىيەلىك ئۇيقۇمىزنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى كۈنگە، يېڭى ھاياتقا ۋە يېڭى مەشغۇلىيەتكە ئويغانغان ۋاقىتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىكى ئورنى ۋە مەنىسى چوڭقۇر. بۇ سەھەر ۋاقتىنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىنسانلار ئەتىگەن سائەت  6-5  ئارىسىنى ئالتۇن سائەت دەپ، ئاتايدۇ. كونىلار بولسا « ياتما سەھەردە، ئۇچرايسەن دەردكە » دېيىش ئارقىلىق سەھەر ۋاقتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەتراپىمىزدىكى داڭلىق سىياسىيونلار، پەنشۇناسلار ۋە شىركەت  باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھايات ھېكايىسىگە قارىسىڭىز سەھەر تۇرۇشنى بىر مۇۋاپپىقىيەتنىڭ سىرى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتا.  ئۇيقۇ رىتىمىمىز مېڭە ئ...

يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆينى قانداق تاللايمىز؟

بۇ يازما فىزىكچى پروفېسسور مۇرات ھەقىقەتئوغلىنىڭ 1 مەزكۇر تېمىدىكى ماقالىسىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى. يەر تەۋرەش ئىنسان ساقلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان، مەيدانغا كەلگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر بىلەن ئىنسان روھ ساغلاملىقىغا چوڭقۇر ئىز تاشلاپ كېتىدىغان، بىز ياشاۋاتقان مۇھىت ساغلاملىقىغا تولۇقلاش قىيىن بولغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بىر تەبئىي ئاپەتتۇر. ئەمما ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ قىسمىغا سەۋەبچى بولىدىغان بىنالارنىڭ ساغلاملىقى، ئىنسانلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋە تاللىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەت كۆزدە تۇتۇلغاندا،  يەر تەۋرەشنى تەبىئىي ئاپەت دەپ نوقۇل تەبىئەتكە ئارتىپ قويۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەسلىدە يەر تەۋرەشتىكى ئۆلۈملەر شىركەتلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن پاخپاق خام ماتېرىياللاردىن قەغەزدەك بىنالارنى سېلىشى، ئۆينىڭ قۇسۇرىنى ئوراپ سېتىشى، خەلىقلەرنىڭمۇ قەرزدىن قورقماي بۇ ئۆيلەرگە دۈم چۈشىشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ناتەبىئىي بىر ھادىسەدۇر. بولمىسا يەر تەۋرەش تەبىئىيتى نۇقتىسىدىن زېمىننىڭ ئىنسانلارغا چاقىرىقى بولۇپ، ئۇ پەيىتتە « نېمە بولدى؟» دەپ تېڭىرقاپ قالغان ...

بىئولوگىيەلىك سائەتكە دىققەت

  ھاياتىمىزدا سائەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. بولۇپمۇ ئىش رىتىمى تېزلاشقان، ھايات بىزنى ئالدىغا سېلىۋالغان بۇگۈنكى دۇنيادا، ئۇ رىتىمغا ماسلىشىپ مېڭىش، كەسپىي ھايات ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن،  ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم قابىلىيەتلىرىدىن بىرى ۋاقتىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.  سائەتسىز بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزگە خاس سائەتلىرى ۋە رىتىمى بار بولۇپ، مەۋجۇداتلار ئارىسىدىكى تەسىر كۆرسىتىش، بىر- بىرى بىلەن بولغان ئالاقە بۇ سائەتلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. يەرشارى ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن  23 سائەت 56 دەقىقە 4 سېكۇنت كېتىدىغان بولۇپ، يەر شارى ئۆزىگە بېكىتىلگەن بۇ سائەتكە قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرى، بۇ تەخمىنەن 24 سائەتكە ئاساسەن پىلانلانماقتا. ئىنسانلار ئارىسىدا بۇ سائەتنىڭ ئىسمى بىئولوگىيەلىك سائەت بولۇپ، ( Circadian rhythm   ) تەكشۈرۈپ بېكىتىشلەرگە ئاساسەن ئەرلەرنىڭ بىر كۈنلۈك  بى...

تومىلاق بالىلىق، سوقىچاق ساقلىق

نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە ( culture ) بالىلارنىڭ تولۇن ئايدەك سېمىز، تومىلاق بولىشىنى ساغلاملىقنىڭ بېشارىتى دەپ بىلىۋالغاچقا،  بوۋاقلارنىڭ سېمىز بولىشى ئاتا- ئانىلىرىنى خۇشال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىپتىخار مەنبەسى بولماقتا. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز كېسەل بولىشىنى چۈشىنەلمىگەن ئاتا- ئانىلار، بۇ ئەھۋالدا< بالىلىرىمىزغا  كۆز تەگدى > دەپ كېسەللىكنى تەقدىرگە باغلاپ، بۇ ئىشتىن ئاسانلا قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشمەكتە. ئەپسۇس، ئىش تەقدىر بوسۇغىسىغا كەلگىچە، نۇرغۇن تەدبىرلەردىن ۋاز كېچىلگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت، ئۇلارنىڭ خىيالىغا پەقەتلا كەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى،  ساپ ئانا سۈتى بولسا ئىدى مەسىلە يوق. ئەمما بۇ سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى،  ئانىسىنىڭ تەبىئىي ئوزۇقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، ھاسىل بولغان سۇ قېتىلغان سۈت بىلەن ۋە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن بالىلارغا تېڭىلغان، بالىلارمۇ تەمىنىڭ تاتلىقلىقىدىن بىر ئاغىزىغا ئالدىمۇ، ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى ياقتۇرمايدىغان سۈت پاراشۇكلىرى بولغاچقا مەسىلە چىقماقتا. سېمىزلىك كۆپ قېتىم تەكىتلىگىنىمىزدەك بىر ياغ راكى بولۇپ، ئو خۇددى راك ھۈجەيرىسىدەك...

«چوڭ تەرەتنى چوڭ « كۆرۈۋېلىش

  ئىنسان بەدىنىدە ئىنسان ھۈجەيرىسىدىن جىق باكتېرىيە بار، ئۇنىڭ سانى 100 تىرىلىيوننى ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇ  ئىنسان ھاياتىنىڭ قالقىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى پىدائيىلىرىدۇر.  ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلىش،  بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋىتامىنلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى قاتارلىق ئىشلاردا،  ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىغا جايلاشقان بۇ باكتېرىيەلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇلار ئۆز ئالدىغا بەدىنىمىزدە بىر ئىمپېراتورلۇق قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئىسمى مىكروبلار دۇنياسى (   Microbiome )دۇر. ئەگەر بۇ مىكروبلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، دۈشمەن باكتېرىيە دوست باكتېرىيەدىن غالىب كەلسە، بەدەندە ھەرخىل كېسەللىك باشلايدۇ. ھەتتا ئىنسان بۇ مىكروبلار دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ مىكروبلار ئەينى ۋاقىتتا ئۈچەي يوللىرىمىزنىڭ ئەستىرى بولۇپ، بىر قەۋەت پەردە يولى بىلەن ئۈچەي يوللىرىمىزنىڭ يول ساقچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئەگەر بۇ ساقچى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەزىپىسىنى تو...

قەھۋە قايسىغا تەۋە؟

قەھۋە گەرچە بىزنىڭ مىللىي ئىچىملىكىمىز بولمىسىمۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەردىكى مىللەتلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىچىملىكلىرىدىن بىرىسى. مەسلەن ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولغان كوففېئىن ( caffeine ) مىقدارى بويىچە ھېسابلانغاندا، ئامېرىكادا كىشى بېشىغا كۈندە 250 مىللىگرام كوففېئىن ئىستېمال قىلىنسا، شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ( Scandinavian   ) كىشى بېشىغا كۈندە 400 مىللىگرام ئىستېمال قىلىنماقتا. قەھۋەنىڭ ساغلامىلىققا بولغان تەسىرى ھەققىدە ھەرخىل رىۋايەتلەر تارقىلىپ، پەرقلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاچقا ئىنساننىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ قالماقتا. ئۇنداقتا قەھۋە زادى ساغلاملىققا دوستمۇ، دۈشمەنمۇ؟ قەھۋە قايسىغا تەۋە؟ قەھۋە تروپىك بەلۋاغلاردا ئۆسۈپ- يېتىلىدىغان قەھۋە دەرىخى ئۇرۇقلىرىنى سوقۇپ ئۇۋۇتىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر دەرەختىن 5 كىلو قەھۋە ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭدىن بىر كىلو قەھۋە ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالىلاردا كوففېئىن ئىسمى تۇنجى قېتىم 1819- يىلى گېرمانىيەلىك خىمىك Friedich Ferdinand Runge   تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كوففېئىن...

ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىپ باققانلار

  ئۆلۈم ئاجايىپ بىر ھادىسە بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھەقىقەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسلىدە بىر تارازا بولۇپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئېغىرلىقى ئەڭ خاتاسىز بىر شەكىلدە ئۇ پەيىتتە ئۆلچىلىپ دەپتەرگە يېزىلىدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە بىر مەكتەپ بولۇپ، ئىنسان ھاياتى بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە ئەڭ چوڭ پەندى- نەسىھەت بولۇپ، ئىنسان بۇ نەسىھەت بىلەن توغرا يولنى تاپالايدۇ. ئۆلۈم ئەسلىدە بىر كومپاس ( GPS ) بولۇپ، تۇرمۇش چۆلىدە ھەر تەرەپتىن كەلگەن بوران- چاپقۇن تۈپەيلى، يولدىن ئېزىپ قالغانلارغا ئاخىرقى مەنزىلنى ھەردائىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆلۈم ئەڭ چىن مەۋجۇدلۇق پەلسەپىسى ( Ontology ) بولۇپ، باشقا پۈتۈن ئىدىيە- چۈشەنچىلەرنى تىز پۈكتۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈم ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىغا نىسبەتەن بىر چىكىتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت بىر پەشتىن ئىبارەت، خالاس. بۇ سەۋەپلىك ئۆلۈم ھاياتقا ھايات ۋە مەنا قوشقانلىقى ئۈچۈن، قورقۇنچلۇق بولىشى بىلەن بىرگە ھەم چىرايلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئۆلۈمنىڭ مەنىسىنى، ھەقىقىتىنى تونۇپ يە...

ئاقسىل ۋە ساغلام ئەۋلاد

ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىنساننىڭ بىئولوگىيەلىك فۇنكسىيەسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ ھەم ئىجتىمائىي ئېھتىياجى ھەم ياشاش غايىسىدىن بىرى. چۈنكى نۇرغۇن  چوڭ ئىشلار ۋە يۈكسەك غايىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بىر ئىنساننىڭ چەكلىك ئۆمرى يەتمەيدىغان بولۇپ، بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ مىراسقا ئىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كىيىنكى ئەۋلادلارغا گۈزەل كېلەچەك، گۈزەل ئەخلاق ۋە شۇنداقلا ساغلاملىق مىراس قالدۇرۇپ كېتىش،  بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. « راك مىراس قالمىسۇن »ناملىق يازمىمىزدا دەپ ئۆتۈلگەندەك،  ئىنسانلار ناتەبىئىي  يەپ – ئىچىشى، ساقسىز تۇرمۇش ئەندىزىسى سەۋەبلىك مەيدانغا كىلىدىغان راك گېنى ۋە راكنىمۇ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىدىغانغا ئوخشاش، تەبىئىىي  يەپ - ئىچىش، ساغلام تۇرمۇش ئەندىزىسى بىلەن پەرزەنتلەرگە ساغلام ۋۇجۇد، كۆتۈرەڭگۈ روھ مىراس قالدۇرۇپ كېتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولۇپ، بۇ تامامەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىش. ئىرسىي كېسەللىكلەر ئەسلىدە بىر قا...

يېمەككە دىققەت، ئۆمۈرگە بەرىكەت

  كونىلار«قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» دېيىش ئارقىلىق، يېمەك- ئىچمەكنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى ناھايىتى ئوبرازلىق شەكىلدە بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغان. ئۇ زامانلاردا ھەر نەرسىنىڭ تەبىئىي، ساپ ۋە دورا- ئوغا يوق ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغاندا «قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» ھېكمەتلىك سۆز ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئوخشاشلا ھازىرقىدەك ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلەر  ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن بىر چاغدا، ئۇ ھېكمەتلىك سۆزگە « ناتەبىئىي يېمەكلىكتە ساغلاملىق بولماس» دېگەننى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنمىغاندا، ھەقىقەت خاراكتېرىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدە ئىنسانلار جىق يەۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، قورساقتىن ئىبارەت بۇ تاغا يېمەك- ئىچمەكتىن چىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ناتوغرا ئىنساندىن سەمىمىيەت، مېھرى- مۇھەببەت ۋە ساداقەت كۈتۈش ئەخمقانىلىق بولغانغا ئوخشاش، مىجەزىمىز ۋە مىزاجىمىزغا يات بولغان ناتەبىئىي ئوزۇقلۇقلاردىن ۋۇجۇدىمىزغا كۈچ، بەدىنىمىزگە ساغلامىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىش  ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر. گەرچە بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، ئۇلار ياشىغان مۇھىت، مەدەنىيەت، ئىتىقاد ۋە شارائىتتىن ئىبارە...